باش بەت | مەكتەپلەر

گۇاڭجۇ شەھەرلىك ‹‹يۈشەن›› تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى

      گۇاڭجۇ شەھەرلىك ‹‹يۈشەن›› تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئەسلىي نامى ‹‹فەنيۈ›› پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، 1906 - يىلى گۇاڭجۇ شەھەرى ‹‹جۇڭشەن›› تۆتىنچى يولىدىكى ‹‹فەنيۈ››(ھازىر دېھقانلار ھەرىكىتى كۇرسى)مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ ئەسلىي نامى ‹‹فەنيۈ›› پېداگوگىكا مەكتىپى ئىدى، كېيىن ‹‹باگۈي›› ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئاتالغان. بۇ مەكتەپ 1927 - يىلى يېزا پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە يېزا پېداگوگىكا مائارىپىنى ئالدىن يولغا قويغان. 1946 - يىلى ‹‹فەنيۈ›› رايونىغا كۆچۈپ كىرگەن، 2000 - يىلى تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلىپ ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان، 2002 - يىلى ‹‹فەنيۈ›› رايونىدىكى ‹‹چياۋنەن›› كوچىسىغا كۆچكەن. 2004 - يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مەكتەپ بولۇپ باھالانغان.

      بۇ مەكتەپنىڭ كۆلىمى 165 مو، بۇ مەكتەپكە ‹‹فەنيۈ›› رايونلۇق ھۆكۈمەت 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان، بۇ مەكتەپنىڭ 260 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي ئوقۇتقۇچىدىن 98ى، 1 - دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىدىن 112سى، ماگىستىر ئاسپىرانت(ياكى ئوخشاش) ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىدىن 36سى، ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك غوللۇق ئوقۇتقۇچىدىن 20سى بار، مەخسۇس تەيىنلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

      ‹‹يۈشەن››تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى 2007 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان، ھازىر بۇ مەكتەپتە شىنجاڭلىق 160 نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. مەكتەپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئۇنىۋېرسال بىناسى سېلىپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغان، سىنىپلارغا يۇقىرى ئۆلچەملىك زامانىۋى كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يۈرۈشلەشكەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ بەرگەن، ياتاقلارغا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىپ بەرگەن. شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ‹‹فەنيۈ›› رايونلۇق ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن 500 نەچچە مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ساياھەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ، ھېيت - بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان