باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

ئىزدىنىش روھىغا باي تۆھپىكار باغۋەن

      2012 – يىلى 29 – ئاۋغۇست شىنجاڭ ‹‹كۆكنۇر›› يۇقىرى تېخنىكا ئېچىش ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ساھىبجامال دۆلەت خانىمنىڭ خەلقئارالق ئۇتۇقلىرىنى تەبرىكلەش مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلدى. ساھىبجامال دۆلەت 1967 – يىلى 10 – ئايدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ 1985 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان 1990 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ يىلدىن 1994 – يىلىغىچە فاكۇلتېتنىڭ ئۆزىدە جيا چاۋجىڭ پىروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەزەرىيە فىزىكىسى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ 1995 – يىلىدىن 2004 – يىلىغىچە ئىتاليەدىكى ئابدۇسالام نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزى، گېرمانىيە بون نەزەرىيە تەتقىقات مەركىزى ۋە جۇڭگو يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات يۇرتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇپ دوكتور ئاشتىلىقنى تاماملىغان. ئو دوكتورلۇق ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا قايتىپ كېلىپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان.

      ساھىبجامال دۆلەت ئوقۇش جەريانىدا مۈشكۈل تەتقىقات نىشانلىرىنى غەلىبىلىك ئورۇنلاپ، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 33 پارچە ئىلمىي ماقالىنى ئىنگلىز تىلىدا ئېلاپ قىلىپ ئىسمى – جىسمىغا لايىق مول ھوسۇللۇق فىزىكا ئالىمى دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن. ساھىبجامال دۆلەت تەتقىقات جەريانىدا ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى، سىمسىز ئالاقىلىشىش ۋە زامانىۋى ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ھازىرقى زامان ئوپتىكا ھەم ئاتوم فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ داڭلىق فىزىكا ئالىمى پەشكىن بىلەن لىپكىننىڭ دۇنيادا ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرنال ‹‹فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى››دا ئېلان قىلنغان ماقالىسىدىن نەزەرىيەۋى نۇقتىلاردىكى خاتالىقلارنى بايقاپ، قارىشىنى ۋە ماتېماتىكىلىق ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ ئىككى ئامېرىكا فىزىكا ئالىمىنىڭ خاتالىق نۇقتىئىينەزىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. ساھىبجامال دۆلەتنىڭ ‹‹ئاخارونوۋ — كەشبىر ۋە سىكاليارلىق ئاخارونوۋ – بوم توپولوگىيەلىك ئېففېكتى (ئۈنۈمى)›› ناملىق يېڭى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي ماقالىسى 2012 – يىل 2 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ‹‹فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلى››دا ئېلان قىلىنىپ، دۇنيا فىزىكا ئالىملىرىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى فىزىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ژۇرنالغا تۇنجى نۆۋەت ماقالە ئېلان قىلىشى ئىكەن. ساھىبجامال دۆلەت ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىلمىي تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئاساسەن، بىرلىككە كەلگەن نۇقتىئىينەزىرى بىلەن توغرا ھالدا ئېلېكتىروماگنىت مەيدانىنىڭ پۈتۈن گەۋدىلىك ئېففېكتىنى بايان قىلىپ يېقىنى 30 يىلدىن بۇيان ئۇدا تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان خەلقئارالىق قىيىن مەسىلىنى نەزەرىيە جەھەتتىن ھەل قىلدى. ھەممەيلەنگە ساھىبجامال دۆلەت خەلقئارادىكى تەسىرچانلىق كۆرسەتكۈچى چوڭ بولغان ‹‹فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلىرى››dcb ژۇرناللىرى ‹‹ياۋروپا يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلىرى››، ‹‹خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكىسى››، ‹‹خەلقئارالىق ماتېماتىكا ۋە نەزەرىيە فىزىكىسى›› ۋە ‹‹جۇڭگو فىزىكا ئوبزورى تېز خەۋەرلىرى›› قاتارلىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئون نەچچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. دېمەك بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پىروفېسسور ساھىبجامال دۆلەت فىزىكا تەتقىقاتىدا شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا، جۇڭگودىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. مۇراسىمغا قاتناشقان ھەر ساھەدىكى ئالىم، پىروفېسسورلار، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن دۇنياۋى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەشتى. ساھىبجامال دۆلەت بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا ئىزدىنىش روھىغا باي قەيسەر روھى بىلەن خەلقىمىزنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقۇسى.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مەۋلان