باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

ياپونىيەدە گەندە ئېنېرگىيە قىلىنىدىغان موتسىكلىت ياسالدى

      ياپونىيەدىكى داڭلىق تازىلاش بۇيۇملىرى ياساش كارخانىسى توتو شىركىتى ‹‹گەندە ئېنېرگىيە قىلىنىدىغان›› موتسىكلىت ياساپ چىقتى. بۇ موتسىكلىتنىڭ ماي قاچىسىغا ھايۋانلارنىڭ گەندىسىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ.

      بۇ ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنى يەر شارىدىكى تۇنجى گەندە ئېنېرگىيە قىلىنىدىغان ماشىنا دېيىشكە بولىدۇ. بۇ موتسىكلىتنىڭ شوپۇر ئولتۇرىدىغان قىسمى تەرەت قاچىسىغا ئوخشىتىپ ياسالغان بولۇپ، موتسىكلىتنىڭ كەينىدە يەنە چوڭ تىپتىكى يۆگىمە قەغەزمۇ بار. موتسىكلىتنىڭ ئېنېرگىيەسى گەندىدىن ھاسىل قىلىنغان پاتقاق گازىدىن كېلىدۇ.

      گەرچە پاتقاق گازى ھاسىل قىلىدىغان گەندە ئاساسلىقى ھايۋانلارنىڭ چىقىرىندىسى بولسىمۇ، كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسىمۇ بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان