باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

بىر پىلانىتنىڭ كەلگۈسى 160 يىل ئىچىدە، يەرشارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بار

      ئەنگلىيەنىڭ ‹‹يېڭى ئالىملار›› ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىنسانلارغا زىيان زەخمەت ئېلىپ كەلمەيدۇ، دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بىر كىچىك پىلانىتنىڭ كەلگۈسى 160 يىل ئىچىدە، يەرشارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. گەرچە بۇ ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىش بولسىمۇ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇمكىن ياكى مۇمكىن ئەمەسلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق. بۇ پىلانىتنىڭ ئىلمى نامى 1999RQ36 بولۇپ، 10 يىل بۇرۇن بايقالغان، ئۆز ۋاقتىدا ئالىملار: ئۇ كەلگۈسى 100 يىل ئىچىدە يەرشارىغا سوقۇلمايدۇ، دېگەن. لېكىن يېقىندا، ئىتالىيە ئالىملىرى: ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بۇ پىلانىتنىڭ 2169 - يىلىدىن 2199 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەرشارىغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى 1400دىن بىر نىسبەتتە، دېدى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان