باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئالتۇن ۋاراقلىق كىتاب

(چۆچەك)

مەمەت تۇرسۇن ئەخمەت

      بۇرۇنقى زاماندا ناھايىتى يىراق بىر كەنتتە بىر جۈپ بوۋاي – موماي بولۇپ ئۇلارنىڭ كامال، غازى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. بوۋاي ئوغۇللىرىنىڭ ئۆزىدەك بىلىمسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى شەھەردىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا ئاپىرىپ بېرىپتۇ. لېكىن، بۇ ئەتىۋارلىق ئوغۇللار ئوقۇشنى خالىماي قايتىپ كەپتۇ. بوۋاي ئوغۇللىرىنىڭ كېيىنچە جاپا تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئارقا – ئارقىدىن بىرنەچچە خىل ھۈنەرگە بەرگەن بولسىمۇ ئۆگىنەلمەي كۈنبويى ئويۇن – تاماشا بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ.

      كۈنلەر ئۆتۈپ بوۋاي ئېغىر كېسەل بىلەن يېتىپ قاپتۇ. بىر كۈنى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بوۋاي ئوغۇللىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، قازناق ئۆيىدىكى كىتابلارنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.

      — بالىلىرىم، بۇ كىتابلار ماڭا ئاتا – بوۋىلىرىمدىن مىراس قالغان. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ۋەسىيىتىدە دېيىشىچە مۇشۇ كىتابلار ئىچىدىكى مەلۇم بىر كىتابنىڭ بىر ۋارىقى ساپ ئالتۇندىن ياسالغانىكەن. لېكىن، بۇ ئالتۇن ۋاراقنى تاپىمەن دېگەن كىشى مۇشۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇشى كېرەك ئىكەن. گەرچە مەن بۇ كىتابلارنىڭ بىرقىسمىنى بىرمۇبىر ۋاراقلاپ ئوقۇپ كۆرگەن بولساممۇ لېكىن سىلەرنى بېقىش ھەلەكچىلىكىدە ھەممىنى كۆرۈپ بولالماي ئۆمرۈم ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ كىتابلارنى ئەمدى سىلەرگە مىراس قالدۇراي. كىتابلارنىڭ ھەربىر ۋارىقىنى ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ ئاشۇ ئالتۇن ۋاراقنى ئىزدەپ بېقىڭلار. ئاناڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ دائىم كۆتۈرۈۋالىدىغان ياستۇق سىلەرنىڭ بولىدۇ، — دەپتۇ. بالىلىرى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مومىيىغا:

      — بىر ئۆمۈر خىزمىتىمنى قىلىمەن دەپ كۆپ جاپا تارتتىڭ. ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمايدىغان بولدۇم. مۇنۇ ياستۇقنى ساڭا مىراس قالدۇراي. ياستۇقنىڭ ئىچىدە بىر كونا چاپىنىم بار. سەھەر – كەچتە بېشىڭغا قويۇپ ئۇخلىساڭ مەن يېنىڭدا باردەك ھېس قىلىسەن. ئەمما، شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى، ياستۇقنىڭ ئىچىدە چاپان بارلىقىنى ئىنسى – جىنغا تىنما، ياستۇقنىمۇ مەڭگۈ يېنىڭدىن ئايرىما، — دەپ ۋەسىيەت قىلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئوغوللار زار – زار يىغلىشىپ بوۋاينى يەرلىكىدە قويۇپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى ئالتۇن ۋاراقنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن بوۋاي قالدۇرۇپ كەتكەن كىتابلارنى بىر – بىرلەپ ۋاراقلاپ كىتابلاردىكى خەتلەرنى، بەلگىلەرنى قالدۇرماي تەكرار – تەكرار ئوقۇپ چىقىپتۇ. يېنىدىن ياستۇقنى ئايرىمايدىغان موماينى بىر – بىرىدىن قىزغىنىپ ناھايىتى ئوبدان بېقىپتۇ. بىراق، ئوغۇللار بوۋايدىن مىراس قالغان كىتابلارنى شۇنچە قېتىرقىنىپ ئوقۇغان بولسىمۇ ھېلىقى ئالتۇن ۋاراقنى تاپالماپتۇ. موماي يېنىدىن ئايرىمايدىغان ياستۇققا قانداق بايلىقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. ئوغۇللار بوۋايدىن مىراس قالغان كىتابلارنى كۆپ ئوقۇغانلىقتىن بىلىمى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، ياخشى – ياماننى پەرق ئېتىپ ئىلىم بابىدىكى كاتتا ئىستىدات ئىگىلىرىگە ئايلىنىپتۇ. موماينىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغاچقا ئەل – يۇرت ئىچىدە ‹‹ۋاپادار ئوغۇللار›› دەپ تەرىپلىنىپ يۇرت كاتتىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ خەلقنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتگە سازاۋەر بولۇپ ياشاپتۇ.

(ئاپتور مارالبېشى ناھىيەسى ئاۋات بازىرى كەڭساغان مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مېھراي