باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئۆگىنىشكە ئادەتلىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى

      پەن – تېخنىكا ئىندۇكسىيە ئۇسۇلىنىڭ ئۇل سالغۇچىسى باكون ئۆگىنىش ئۈستىدە توختىلىپ: ‹‹ئادەتلىنىش بىر خىل غايەت زور كۈچ. ئۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، شۇڭا، بالىلىقتىن باشلاپ ياخشى ئادەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىش كېرەك›› دېگەن.

      بىز قانداق ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىشىمىز كېرەك؟ تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە بىرنەچچە خىل ئۇسۇلنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.

      پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە ئىنتىلىشكە ئادەتلىنىش. پەن – تېخنىكا ئالىمى پاستېرېلليوز مۇنداق دېگەن: ‹‹پۇرسەت ئۆزىنى تۇتۇۋالغۇچىلارغا مەنسۇپ››. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە ئىنتىلىش پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىشتۇر. ئوخشاش چۆگۈندە باشقىلارنىڭ قايناتقىنى قايناقسۇ بولسا ۋات چۆگۈندە سۇ قاينىتىش ئارقىلىق پار ماشىنىسىنى ئىجاد قىلدى؛ شاختىكى ئالما يەرگە چۈشكەندە باغۋەننىڭ ئىچى ئېچىشتى، ئەمما نىيوتۇن ئالەمنىڭ تارتىش كۈچىنى بايقىدى. بۇنداق پەرقنىڭ بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟ ئۇ ۋات، نىيوتۇننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە ئىنتىلگەنلىكى.

      قەرەللىك، نورمىلىق ئۆگىنىشكە ئادەتلىنىش. بۇ ئۆگىنىش ئادىتى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە غەلىبە قازىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى. ئادەتتە نىشان بېكىتىش، پىلان تۈزۈش ئاسان، ئەمما قەرەللىك، نورمىلىق ئۆگىنىش پىلانىنى تۈگىتىش قىيىن. سىز قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۆزىڭىزدە قەرەللىق، نورمال ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرسىڭىز چوقۇم نىشانىڭىزغا يېتەلەيسىز.

      ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىپ ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىپ ئۆگىنىش ئادىتى ئۆگىنىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ بايقاش، ئىجاد قىلىش، كەشىپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

      توغرا ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. ئالدى بىلەن ئۆگىنىش بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ ۋاقتىدا مېڭىنىڭ، كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. بولۇپمۇ يېتىپ كىتاب ئوقۇيدىغان ناچار ئادەتنى تۈگىتىش كېرەك. يېتىپ كىتاب ئوقۇش، يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈش كۆزنى ئاسان چارچىتىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا كۆرۈش قۇۋۋىتى زەخىملىنىدۇ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى بىر – ئىككى كۈندىلا يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ. كونىلار: ‹‹ئىرادىلىك ئادەم غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، ئىرادىسىز ئادەم مەڭگۈ غايىسىگە يېتەلمەيدۇ›› دېگەن. ساۋاقداشلار، سىلەر غايىلىك ئادەم بولۇشنى خالامسىلەر؟ ئۇنداقتا، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى ئۆزۈڭلارغا ھەمراھ قىلىڭلار!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر