شاگىرتى ئۇستازىدىن:
— يۈرەكنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىدە پەرق بارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ.
ـــ ياق، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇستازى.
– ئۇنداقتا نېمىشقا بەزىلەر ئۇنىڭ يۈرىكى چوڭ، بۇنىڭ يۈرىكى كىچىك دېيىشىدۇ؟
— سەن قەلبىڭدە بىر پىلنى ئويلىغىن.
— ھە، ئويلاپ بولدۇم.
ــــ سەن پىلنى ئويلىغان چېغىڭدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئويلىدىڭ، شۇنداقمۇ؟
ــــ ئەلۋەتتە.
— ئەمدى يەنە بىر كىچىك كۆك پۇرچاقنى ئويلىغىن.
— ئويلاپ بولدۇم.
— پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئويلىدىڭمۇ؟
— ھەئە.
— دېمەك، يۈرەك پەقەت بىرلا، سېنىڭ ئويلىغان نەرسەڭ قانچە چوڭ بولسا، قەلبىڭمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ؛ ئويلىغان نەرسەڭ قانچە كىچىك بولسا، قەلبىڭمۇ شۇنچە كىچىك بولىدۇ.