باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

كۆكتات شورپىسى ئىشتىھانى ئاچىدۇ

      يازدا بەزى كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى تازا ياخشى بولمايدۇ، شۇڭا بۇ چاغدا كۆكتات شورپىسىنى ئىچىپ بەرگەن ياخشى. كۆكتات شورپىسى تەملىك بولۇپلا قالماي، ئىسسقلىق مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن. كۆك كاۋا، تۇرۇپ ۋە شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىدە تەملىك شورپا قىلغىلى بولىدۇ.

      شورپا تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا بوش ئوتتا تازا ئۇزاق قاينىتىلغان مەززىلىك گۆش شورپىسى كېلىدۇ. بىراق كۆكتات شورپىسىنى ئۇنداق بەك ئۇزاق قاينىتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بەك ئۇزاق قاينىتىلسا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىغا تەسىر قىلىپ، شورپىنىڭ تەمى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

      ئۇنداق بولسا كۆكتات شورپىسنى تاماقتىنى بۇرۇن ئىچىش كېرەكمۇ ياكى كېيىنمۇ؟ بۇ مەسىلىگە ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ تۇتۇش كېرەك. ئۇرۇقراق ئادەملەر ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن ئىچسە ياخشى. سېمىزرەك كىشىلەر تاماقتىن بۇرۇن ئىچسە ياخشى بولىدۇ.

      بۇنىڭدىن سىرت ئاشقازىنى كۆپىدىغان، قاينايدىغان، ئاسان ياندۇرىدىغان، ھەزىم قىلىشى ناچارلار تاماقتىن بۇرۇن شورپا ئىچمەسلىكى كېرەك. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلار مۇۋاپىق مىقداردا گۆش شورپىسى ئىچسە بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان