باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بوۋاقلارغا قايسى مەزگىلدە كالتسىي تولۇقلاش مۇۋاپىق

      بوۋاق ئانا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكى بىلەن بېقىلىۋاتقان ئەھۋالدا كالتسىي بېرىلسە، پايدا قىلماق تۈگۈل، زىيان قىلىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. بوۋاقلارنىڭ بېشىنىڭ كەينىدە يەنى گەجگىسىدە چاچنىڭ شالاڭ بولۇشى، كۆپ تەرلەش، كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىش قاتارلىقلارنى نوقۇل ھالدا كالتسىي كەملىكنىڭ ئالامەتلىرى ھېسابلاش بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالمىغان ئەھۋالدا ياكى دوختۇرخانىدا بوۋاقنى تەكشۈرتمەي تۇرۇپ كالتسىي بېرىشكە بولمايدىكەن. كۆپىنچە ئەھۋالدا ئالتە ئايلىق ئىچىدىكى بوۋاقلار ئانا سۈتىنى ئېمىۋاتقان ياكى سۈت پاراشوكى ئىچىۋاتقان بولسا، كالتسىي تولۇقلاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. بۇ مەزگىلدە بالىغا كالتسىي بېرىپ كۆندۈرۈپ قويسا، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاسانلا كالتسىي، سىنىك كەملىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشى، ھەتتا قان ئازلىق، بۆرەككە تاش چۈشۈش خەۋپى كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن.

      ئانا بولغۇچىلار بوۋىقى سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىدىغان مەزگىلگە كەلگەندە ئاندىن كالتسىي تولۇقلاشنى ئويلىشىشى، بۇ ۋاقىتتا بالىنى تەكشۈرتۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كالتسىي تولۇقلىشى، مۇئەتتەر قوشۇلغان كالتسىيلارنى ئاز بېرىشى كېرەك ئىكەن.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان