باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

سۈرەتلىك خەۋەر

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك 86 – ئوتتۇرا مەكتەپ 7 – يىللىق 6 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شەھىدە ئابلىمىت مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان نۇتۇق سۆزلەش، ئۇسسۇل ئويناش، رەسىم سىزىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئۇ مەكتەپ بويىچە كۆپ قېتىم ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى››، ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر كىچىك دېكتور›› قاتارلىق ناملار بىلەن كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەندىن سىرت نۇتۇق سۆزلەش، ماقالە يېزىش مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمىدى. 2012 – يىلى شىمىگو رايونى ۋە شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

سۈرەتتە: شەھىدە (ئوتتۇرىدا) ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە.

ئايشەمگۈل جاپپار خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر