باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

ئېلېكتىرونلۇق يوللانما دېگەن نېمە

      ئىلگىرى ئىككى شەھەر ياكى ئىككى دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئادەملەر ئۆزئارا ئالاقىلىشىشتە، ئادەتتە خەت يېزىش، تېلېفون بېرىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىناتتى. جۇڭگودىن بىر پارچە خەتنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن ئادەتتە يەتتە كۈن كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەش – ئالتە يۈەن پوچتا ھەققى ئېلىناتتى؛ تېلېفون بېرىشكە توغرا كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى دەرھاللا ئاڭلىغىلى بولسىمۇ ئەڭ ئاز دېگەندە ئون نەچچە يۈەن تېلېفون ھەققى تۆلەشكە توغرا كېلەتتى.

      ھازىر، كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت بولغاچقا كۆپىنچە كىشىلەر ‹‹ئېلېكتىرونلۇق يوللانما›› ئەۋەتىش ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغان بولدى.

     ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىنىڭ ئىنگلىزچە نامى liaM-E بولۇپ، ئۇ كومپيۇتېردا ‹‹خەت يېزىپ›› تېلېگراف لىنىيەسى ئارقىلىق ئىنتېرنېتتا ‹‹يوللىنىدىغان››خەتنى كۆرسىتىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەخسۇس ‹‹ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى›› بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئەۋەتكەندە ئاۋۋال كومپيۇتېردا خەت مەزمۇنى ۋە خەت تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ‹‹ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى››نىڭ ئادرېسى كىرگۈزۈلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىنتېرنېتقا ئۇلىنىپ، خەت ئەۋەتىلىدۇ، قارىشى تەرەپ بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدىلا خەتنى تاپشۇرۇۋالالايدۇ. ئادەتتە بۇنىڭغا شەھەر تېلېفونىنىڭ سۆزلىشىش ھەققى ۋە تورغا چىقىش ھەققى قوشۇلۇپ پەقەت بىرنەچچە مو ئېلىنىدۇ.

      ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئەۋەتىشنىڭ يەنە نۇرغۇن قولايلىق تەرەپلىرى بار، مەسىلەن، كەلگەن خەتنى ناھايىتى ئاسانلا يەنە بىر ئادەمگە قايتۇرۇپ يوللىغىلى بولىدۇ ياكى بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە ئادەمگە يوللىۋەتكىلى بولىدۇ؛ خەتتىن باشقا، يەنە سۈرەت، رەسىم، جەدۋەللەرنىمۇ ئەۋەتىشكە بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىنىڭ مەخپىيەتلىكى كۈچلۈك بولۇپ، باشقىلار خالىغانچە كۆرەلمەيدۇ ھەم يوقىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئەۋەتىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خەت ئۆزلۈكىدىن قايتىپ كېلەلەيدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي