باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

مۇھىم ئەزا

      بىر كۈنى ئانام مەندىن: ‹‹بەدىنىمىزدىكى قايسى ئەزا ئەڭ مۇھىم؟›› دەپ سورىدى. مەن كۆپ يىللاردىن بېرى ئانامنىڭ بۇ سوئالىنىڭ توغرا جاۋابىنى ئىزدەپ كېلىۋاتاتتىم. ئىلگىرى مەن بىزگە نىسبەتەن ھەممىدىن مۇھىمى ‹‹ئاڭلاش›› دەپ ئويلىغاچقا ئانامغا: ‹‹بەدىنىمىزدىكى ھەممىدىن مۇھىم ئەزا قۇلاق›› دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم. ئانام ماڭا: ‹‹توغرا ئەمەس، بەزى كىشىلەر ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يوقاتقان تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا ناھايىتى بەختلىك ياشايدىغۇ؟ سەن يەنىلا داۋاملىق ئويلاشقىن، مەن سەندىن يەنە سورايمەن›› دېگەنىدى.

      نەچچە يىلدىن كېيىن ئانام يەنە مەندىن بۇ سوئالنى سورىدى، مەن ئۆزۈمچە بۇ سوئالنىڭ توغرا جاۋابىنى تاپتىم دەپ ئويلىدىم ھەم ئانامغا: ‹‹كۆرۈش سەزگۈسى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا بىزنىڭ كۆزىمىز ھەممىدىن مۇھىم›› دەپ جاۋاب بەردىم. ئانام ماڭا قاراپ تۇرۇپ: ‹‹سەن ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەپسەن، بىراق بۇ يەنىلا توغرا جاۋاب ئەمەس بەزى كىشىلەر كۆرۈش سەزگۈسىدىن ئايرىلىپ قېلىپمۇ ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغۇ›› دېدى يەنە.

      مەن يەنە داۋاملىق بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى، كېيىن ئانام مەندىن بۇ سوئالنى يەنە ئىككى قېتىم سورىدى، بىراق مېنىڭ ھەر قېتىملىق جاۋابىمغا ئانام يەنىلا: ‹‹توغرا ئەمەس، بىراق سەن بارغانسېرى ئەقىللىقلىشىپ كېتىۋاتىسەن، يەنىمۇ چوڭقۇرراق ئويلىنىپ باقساڭ، ناھايىتى تېزلا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالايسەن›› دېدى.

      بۇلتۇر بوۋام ۋاپات بولغاندا ئۆيدىكى ھەممەيلەن ياش تۆكۈشتى، بولۇپمۇ ئاتام بەكمۇ قايغۇرغانىدى، بۇ مېنىڭ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە ئىدى، چۈنكى بۇ ئاتامنىڭ 2 – قېتىم كۆز يېشى قىلىشى ئىدى. بوۋام سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئانام مەندىن: ‹‹ئوغلۇم، سەن بەدىنىمىزنىڭ قايسى قىسمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تېخىچە ھېس قىلىپ بولالمىدىڭمۇ؟›› دەپ سورىغانىدى.

      ئانام مېنىڭ گاڭگىراپ قالغان چىرايىمغا قاراپ: ‹‹بۇ سوئال ناھايىتى مۇھىم، ئىلگىرى سېنىڭ بەرگەن ھەربىر جاۋابىڭنى مەن خاتا دېدىم ھەم بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بەردىم. بىراق، بۈگۈن ساڭا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئۆزۈم ئېيتىپ بېرىشىم كېرەك››.

      ئانامنىڭ كۆزلىرى لىق ياشقا تولغانىدى، مەن ئانامنى قۇچاقلىۋالدىم، ئانام مېنىڭ مۈرەمگە يۆلىنىپ تۇرۇپ: ‹‹ئوغلۇم، بەدىنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزايىڭ مۈرەڭ›› دېدى. مەن: ‹‹مۈرەم بېشىمنى تىرەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟›› دەپ سورىدىم. ‹‹ياق بالام، چۈنكى بىزنىڭ يېقىن كىشىلىرىمىز يىغلىغاندا، ئۇلار بېشىنى بىزنىڭ مۈرىمىزگە قويىدۇ ئەمەسمۇ؟ بالام، ھاياتىمىزدا ھامان يىغلايدىغان ۋاقتىمىز بولىدۇ، ئەنە شۇنداق چاغلاردا بىزنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدىغانىمىز يۆلەنگۈدەك بىر مۈرىنىڭ بولۇشى. مەن پەقەت سېنىڭ قەلبىڭدە سۆيگۈ بولۇشىنى، ئەتراپىڭدا يارۇ – دوستلىرىڭ بولۇشىنىلا تىلەيمەن. چۈنكى شۇنداق بولغاندا سەن يىغلىغان چېغىڭدا يۆلەنگۈدەك بىر مۈرىنى تاپالايسەن، خۇددى مەن ھازىر ساڭا ئېھتىياجلىق بولغىنىمغا ئوخشاش›› دەپ جاۋاب بەردى ئانام.

      شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەممىمىزنىڭ دوستى بار، ئۇلار خۇشاللقىدىن ياكى ئازابلانغىنىدىن يىغلىغان چېغىدا، مۈرىڭىز بىلەن ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىڭ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي