باش بەت | پىسخىكا

بالىلارنىڭ يەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويمايلى

      جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە، ھەتتا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارغىمۇ ھەر جەھەتتە يۇقىرى تەلەپ قويۇلماقتا. ھازىر يەسلىلەردە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىكى ئالدىن ئۆتۈلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ ھە دېگەندىلا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كىچىكىدىنلا يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، بالىلارغا زىيادە بېسىم قىلىۋاتىدۇ. 

      خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ نېۋادا ئىشتاتىدىكى بىر ئايال بالىلار باغچىسى قىزىمنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويدى، دەپ ئەرز قىلغان. ئەسلىدە قىزى باغچىغا كىرىشتىن ئىلگىرى ‹‹O›› ھەرپىنى ئالما، قۇياش ، پۇتبول، تۇخۇم قاتارلىق يۇمىلاق نەرسىلەرگە ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلالايدىكەنتۇق، بىراق، باغچىغا كىرىپ 26 ھەرپنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، قىزى ئۇنداق تەسەۋۋۇر قىلالماس بولۇپ قالغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن، نېۋادا ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا سوت ئاچقان، نەتىجىدە بالىلار باغچىسى دەۋادا يېڭىلگەن.

      ئامېرىكىنىڭ ‹‹پۇقرالار ھوقۇقى قانۇنى››دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىدا مۇنداق ئىككى ھوقۇقى بولىدۇ: بىرى، ئويناش ھوقۇقى، يەنە بىرى نېمە ئۈچۈن؟ دەپ سوئال سوراش ھوقۇقى. ئامېرىكىدا مائارىپ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئاتا - ئانىلارنىڭ ھوقۇقى، دەپ قارىلىدۇ، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، تەربىيەلىنىشتىن بەھرىلىنىش ھوقۇقى، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      ئېلىمىزدە نۇرغۇن ئاتا - ئانا بالىلارغا بالدۇرلا مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. شۇڭا، بالىلار دوگما ئۆگىتىش ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتەك ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

      ئېلىمىزدىكى يەسلى مائارىپىنىڭ ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش›› ئەمەلىيىتى ئىمتىھان مائارىپىنىڭ بالىلار باغچىلىرىغا كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

      بالىلارنىڭ ئەركىن ئويناپ، تۇغما قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەندىلا، ئۇلار ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلەيدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ تاشقى شەيئىلەرگە بولغان تەسىرات ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ تەلىم بېرىپ، يۆنىلىش بويىچە يېتەكلىگەندە، بالىلار تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان