باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

چىشىمىزنى ئاسرايلى

      چىشىڭىزنى چۈشىنەمسىز

      سىز ئەڭ ئاددىي چىش ئاسراش بىلىملىرىنى بىلەمسىز؟

      A. ئادەمنىڭ ئۆمرىدە قانچە قېتىم چىش چىقىدۇ؟ ( 1. بىر قېتىم 2. ئىككى قېتىم 3. ئۈچ قېتىم)

      B. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا چىش ئالماشتۇرامدۇ؟ ( 1. ئالماشتۇرىدۇ. 2. ئالماشتۇرمايدۇ.)

      C. ئۆمۈرلۈك چىش چۈشۈپ كەتسە قايتا چىقامدۇ؟ (1. چىقىدۇ. 2. چىقمايدۇ.)

      ئادەمنىڭ ئۆمرىدە ئىككى قېتىم چىش چىقىدۇ. ئۇ سۈت چىشى بىلەن ئۆمۈرلۈك چىشتۇر. سۈت چىشى جەمئىي 20 تال بولۇپ ئادەم تۇغۇلۇپ ئالتە ئايدىن باشلاپ چىقىشقا باشلايدۇ. 6 – 12 ياش مەزگىلىدە سۈت چىشى كەينى – كەينىدىن چۈشۈپ ئۆمۈرلۈك چىش چىقىدۇ. ئۆمۈرلۈك چىش جەمئىي 32 تال بولىدۇ. 12 ياشنىڭ ئالدى – كەينىدە 28 تال چىش چىقىدۇ. قالغان 4 تال ئەقىل چىش بولىدۇ. ئەقىل چىش ئادەتتە 20 ياشتىن كېيىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ بىر ئۆمۈر ئەقىل چىشى چىقمايدۇ. شۇڭا، ئۆمۈرلۈك چىش 28 – 32 گىچە بولسا نورمال بولىدۇ. ساناپ بېقىڭ، سىزنىڭ قانچە تال چىشىڭىز بار؟

      چىش قاتتىق بولسىمۇ ئۇرۇلۇشتىن قورقىدۇ

      چىشىڭىز قاتتىقمۇ؟ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا يولۇققاندا قانداق قىلىسىز؟

      A. قاتتىق پوستلىق مېۋە (مەسىلەن، ئورمان ياڭىقى، ھاۋاي مېۋىسى، ياڭاق قاتارلىقلارنى) يېگەندە پوستىنى قانداق قىلىسىز؟ (1. چىش بىلەن مېۋە پوستىنى چىشلەپ ئېزىش. 2. بولقا ياكى قاتتىق نەرسە بىلەن چېقىش. 3. ئىشىكنىڭ كېشىكىگە قىسىپ چېقىش.)

      B. ئىچىملىكلەرنى ئاچقاندا قانداق قىلىسىز؟ ( 1. بوتۇلكا ئېغىزىنى ئېچىش ئەسۋابىنى ئىشلىتىش. 2. چىش بىلەن چىشلەپ ئېچىش. 3. پىچاق ياكى باشقا قاتتىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش.)

      C. ساۋاقداشلار ئارا قاتتىق، ئېغىر نەرسىلەرنى چىشلەپ كۆتۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، كىمنىڭ چىشىنىڭ مەزمۇتلۇقىنى باھالاشقا قاتنىشامسىز؟ (1. چوقۇم قاتنىشىمەن، مېنىڭ چىشىم تۆمۈردەك قاتتىق. 2. قاتناشمايمەن، چىش زەخىملەنسە ياخشى ئەمەس.)

      چىش ئادەمنىڭ ئەڭ قاتتىق ئەزاسى. چىشلەش، پارچىلاش، يېمەكلىكلەرنى ئېزىش ۋە ئاۋاز چىقىرىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار. چىش ئاسراشقا موھتاج. ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇرۇلۇش، ھەددىدىن زىيادە قاتتىق نەرسىلەرنى چايناش، چېقىش، غاجىلاش چىشنىڭ ئاسان سۇنۇش، ئۇۋۇلۇپ كېتىش ۋە شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆمۈرلۈك چىش چۈشۈپ كەتسە قايتا چىقمايدۇ. شۇڭا، ھەرۋاقىت ئېھتىيات قىلىش لازىم.

      تاتلىق يېمەكلىك – مۇلايىم قاتىل

      سىز كەمپۈت، تورت، ماروژنى قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟

      A. سىز ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاتلىق يېمەكلىك ياكى كەمپۈت يەمسىز؟ چىشىڭىزنى چوتكىلىماي ئۇخلامسىز؟

      B. دائىم سومكا ياكى يانچۇققا تاتلىق يېمەكلىك سېلىۋېلىپ ئىچىڭىز پۇشسىلا يەمسىز؟

      چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت ئېمال ماددىسى بار بولۇپ ئاساسلىق كالتسىي بىلەن فوسفوردىن تەركىب تاپقان. ئەگەر تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسەك ئېغىز بوشلۇقىدا كىسلاتالىشىش شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل مۇھىت چىشنىڭ ئېمال قەۋىتىدە چىرىتىش رولىنى ئويناپ ئاسانلا قۇرت چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك لازىم.

      چىش ئاسراش ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىزلاشتىن باشلىنىدۇ

      A. سىز چىش چوتكىسى، چىش پاستىسىنى قانداق تاللايسىز؟ (1. قىممىتىنى ئالىمەن. 2. ئەڭ ئەرزىنىنى ئالىمەن. 3. ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغاننى ئالىمەن.)

      B. سىز چىش چوتكىڭىزنى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كېيىن تاشلىۋېتىسىز؟ (1. بىر ئاي. 2. ئۈچ ئاي. 3. ئالتە ئاي.)

      چىشنى ئاسراش، چىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئاددىي، قولايلىق ئۇسۇل چىش چوتكىلاش ۋە ۋاقتى – ۋاقتىدا ئېغىز چايقاش. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئېغىز چايقاش، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ۋە كەچلىك ئۇيقۇدىن بۇرۇن ئەستايىدىل چىش چوتكىلاش، چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى توغرا بولۇش، ھەر قېتىمدا 2 – 3 مىنۇتقىچە چوتكىلاشنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم.

      چىش چوتكىلاشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان چىش چوتكىسى بىلەن چىش پاستىسىنى ياخشى تاللاڭ، ھەر كۈنى چىشىڭىزنى چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن چىش چوتكىسىنى، قۇرغاق، كۈن نۇرى چۈشىدىغان يەرگە قويۇڭ، چوتكىنى 2 – 3 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇڭ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر