ماتېرىيالى: ئۇن، قوي گۆشى، بۆدۈنە تۇخۇمى، چىلان، قارا ئۆرۈك، ئاش كۆكى.
ئېتىش ئۇسۇلى: خېمىرنى تۇخۇم، تۇز بىلەنلا چىڭ يۇغۇرىمىز (مىقدارىنى ئۆزىڭىز تەڭشەڭ). خېمىرنى يېيىپ ئۇششاق چاناپ قۇرتىۋالىمىز. ئاندىن قازانغا 3 چۆمۈچ شورپا قۇيۇپ گۆشنى سالىمىز، ئاندىن ئۇششاق چانىۋالغان خېمىرنى سالىمىز، ئاندىن قارا ئۆرۈكنى، بىر ئازدىن كېيىن تۇخۇمنى، ئاندىن چىلاننى سېلىپ، 4 - 5 مىنۇتتىن كېيىن تۇز تەمىنى تەڭشەپ ئۇسسىڭز بولىدۇ، ئاش كۆكى سامساق سېلىش - سالماسلىق ئىختىيارىڭىز.