باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ياخشى ئادەت يېتىلدۈرەيلى

      فىرانسىيەلىك ئالىم باكون: ‹‹تۇرمۇشنى ئادەت باشقۇرىدۇ، كىشىلەر تىرىشىپ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشى كېرەك›› دېگەنىدى. توغرا، ئادەت خۇددى بەدىنىمىزدىكى كومپاستەك ھەربىرىمىزنىڭ ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

      ئادەت تەبىئىي شەكىللىنىدۇ. تارىخقا نەزەر سالساق ئومۇمەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەزى ئېسىل ئادەتلىرىنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغان. لۇشۈن ئەپەندى كىچىكىدىن باشلاپلا كېچىكمەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەن، ھەرقانداق چاغدا ھەرقانداق ئىشنى بالدۇر قىلىشنى ئۆزىگە جېكىلەپ تۇرغان. بىر ئۆمۈر ئالدىراش يۈرگەن بۇ يازغۇچى جۇڭگودىلا ئەمەس دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى قالدۇرغان. بۇنىڭدىن بىر ئادەمنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ساپاسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئادەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۆسمۈر – بالىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق.

      ئۆزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆگىنىشنى مىسالغا ئالساق دائىم مۇنداق ئىشلانى ئۇچرىتىمىز، جاپاغا چىدىماسلىق، تىرىشماسلىق، تاپشۇرۇقنى قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەش، ئەستايىدىل ئۆگىنىش قىلىش ئادىتى يېتىلدۈرمەسلىك، دەم ئېلىش كۈنىدە ئويناپ تاپشۇرۇقنى يەكشەنبە كۈنى كېچىچە ئىشلەش، ئۈنۈمى بولماسلىق... ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش ئادىتى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىدىكى مەسىلە. كۆپچىلىككە مەلۇم، ئىلمىي ئۆگىنىش ئادىتى ۋە ئۇسۇلى بولغاندا ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ ھەم بىمالال ئۆگىنەلەيمىز. ئەگەر ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرمىسەك، دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمىساق، ئاكتىپ پىكىر قىلمىساق، قىيىن مەسىلىلەرنى بېرىلىپ ئۆگەنمىسەك ئۆگىنىشىمىزنىڭ ئۈنۈمى بولمايلا قالماستىن يەنە ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغىمۇ پايدىسىز. شۇڭا، بىر ئادەم ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىدىن ئۆمۈرلۈك بەھرە ئالالايدۇ.

      تۈنۈگۈنكى ئادەت بۈگۈنكى بىزنى يارىتىدۇ، بۈگۈنكى ئادەت ئەتىكى بىزنى بەلگىلەيدۇ. ھازىردىن، بۈگۈندىن باشلاپ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈپ مۇنەۋۋەر پىيونېر بولۇپ گۈزەل كېلەچەكنى ئورتاق يارىتايلى!

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر