باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

قىسمەن ئىچىملىكلەر بالىلارنىڭ چىشىغا زىيانلىق

      كۆپىنچە بالىلار ئىچىملىككە ئامراق ھەمدە كۆپ ئىچىدۇ. ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىش بالىلارنىڭ چىشىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئادەتتە بەزى ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بالىنىڭ چىشىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، چىشنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

      بەزى ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى يۇقىرى كىسلاتالىق ماددىلار چىشنى چىرىتىش رولىغا ئىگە، شۇڭا بالىلار ئىچىملىكنى كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك. بۇنىڭغا ئاتا - ئانىلار تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:

      1. بالىلارغا ئىچىملىكنى كۆپ ئىچۈرمەسلىكى، قايناق سۇ ياكى ساپ سۇ ئىچۈرۈش كېرەك.

      2. ئىچىملىك تەركىبىدىكى كىسلاتانىڭ چىشقا بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىچىملىكتىن كېيىن قايناق سۇ ئىچۈرۈش كېرەك.

      3. ئىچىملىك ئىچكەندىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلىماسلىق، بىرەر سائەتتىن كېيىن چوتكىلاش كېرەك.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان