باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

ئادەت ۋە پەرزەنت تەربىيەسى

      ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدىكى چوڭ – كىچىك ئادەتلەر ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان بولماستىن، بەلكى ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپنىڭ تەسىرىدە تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرى ئۇزاق مۇددەت جۇغلىنىش ۋە تەكرارلىنىش ئارقىلىق ئۇلاردا بىر خىل ئادەت شەكىللىنىدۇ. بەزىلەر ھاياتلىقىدا ئۆزىگىمۇ ۋە جەمئىيەتكىمۇ پايدىلىق ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىيەتكە خاس تۆھپىلەرنى قوشسا، يەنە بەزىلەر ئۆزىگىمۇ، باشقىلارغىمۇ نەپ يەتكۈزمەيدىغان، ھەتتا بولمىغۇر ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈۋېلىپ جەمئىيەتكە، ئائىلىگە يۈك بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۇلاردا توغرا ئادەت يېتىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم.

      تۇرمۇشنى كۆزەتسەك، بالىلاردىكى ئىلغارلىق، قالاقلىق، ئاكتىپلىق ۋە پاسسىپلىق ئىپادىلىرى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە باغلىق. شۇڭا، ئىلغارلىقنى ۋە ئاكتىپلىقنى بالىلىرىمىزنىڭ بىر خىل ئېسىل ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى باشقىلار بىلەن دوستانە، ئىناق ئۆتەلەيدىغان، رېئاللىقتا يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلالايدىغان، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ۋە تەبىئەتتىن ئۆزگىچە زوق ئالالايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز لازىم. ئەگەر بىز بالىلاردا مۇشۇنداق ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇنى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرالىساق، ئۇلارنىڭ كېلەچىكى بىز كۈتكەندىكىدىنمۇ بەلەن بولۇشى مۇمكىن.

     بالىلار، ئادەتتە، چوڭلارغا قارىغاندا قىزىققان كېلىدۇ، بەزى ئىشلاردا سوغۇققان بولالمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە ئالدىرايدۇ. شۇڭا، بەزىدە جەمئىيەت تەرتىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارنى، ھەتتا بەزىدە قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ قويۇشتىنمۇ ساقلىنالمايدۇ. بۇنداق چاغدا چوڭلار بالىلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى دەرھال توسۇشى، ئۇلارغا ھەق – ناھەقنى ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈشى ئىنتايىن زۆرۈر. مۇشۇنداق قىلغاندا، بالىلار قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، تۇيۇق يولغا ئاز ماڭىدۇ.

      ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بەزى بالىلار ئىنتايىن شەخسىيەتچى كېلىدۇ. ئۆزى ئېرىشكەن نەرسىلەرنى، بولۇپمۇ بەزى ماددىي نەرسىلەرنى قولىدىن چىقارغۇسى كەلمەيدۇ. بۇنداق بالىلارنى دوستلىرى ‹‹پىخسىق›› دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلارنى ئۆزى ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلىشنى ئادەت قىلىشقا دەۋەت قىلساق، ئۇلاردا ئومۇمىيەتچىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە بەكمۇ پايدىلىق. چۈنكى ئۇلار ئۆزى ئېرىشكەن نەرسىلەرنى باشقىلارغا بېرىش ئارقىلىق باشقىلاردىن ئۆزىدە يوق نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزى ئېرىشكەن نەرسىلەردىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ئىناق – ئىجىل ئۆتەلەيدۇ.

      1988 – يىل 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 21 – كۈنىگىچە دۇنيادىكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 75 ئالىم فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژغا يىغىلىپ ‹‹21 – ئەسىردىكى ئۈمىد ۋە خىرىس›› تېمىسىدا ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى ئاچقان. بۇ ۋاقىتتا بىرەيلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بىر ئالىمدىن ‹‹سىز مۇشۇنچىۋالا چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتقۇدەك ئىقتىدارنى قايسى ئالىي مەكتەپتە، قايسى تەجرىبىخانىدا ئۆگەنگەن؟›› دەپ سورىغاندا، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بۇ ئالىم تەمكىن ھالدا ‹‹يەسلىدە ئۆگەنگەن›› دەپ جاۋاب بەرگەن. سوئال سورىغۇچى ئالىمنىڭ جاۋابىدىن ھەيران قېلىپ ‹‹يەسلىدە نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟ تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز›› دەپ سورىغان. ئالىم بۇ سوئالغا تەپسىلىي قىلىپ ‹‹مەن يەسلىدە ئۆزۈمنىڭ نەرسىلىرىنىڭ يېرىمىنى دوستلىرىمغا بېرىشنى، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئالماسلىقنى، نەرسە – كېرەكلەرنى رەتلىك قويۇشنى، تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇشنى، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇخلاشنى، خاتالىق سادىر قىلغاندا كەچۈرۈم سوراشنى، تەبىئەتنى سۆيۈشنى ئۆگەنگەن ھەم بۇلارنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالغان›› دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

      بۇ باياندىن ئېنىقكى، پەرزەنت تەربىيەسىدە بالىلارغا كىچىكىدىن ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلغاندا بۇنداق ئادەتلەر ئۇلارغا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ  بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەر قانداق ئىش كەلسە، بۇ ئادەتلەر ئۇلارغا ھەر ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، چوڭلارنىڭ بالىلارنىڭ كىچىكىدىن ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى تولىمۇ مۇھىم.

      بالىلار تەربىيەسىدە ئۇلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئادەت يېتىلدۈرۈش جاپالىق جەريان بولۇپ، ئۇ ئاتا – ئانىلاردىن ئۇزاق مۇددەت سەۋىرچانلىق، سەمىمىيلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ نۇقتىدا يەنە مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش يېشىدىن بۇرۇنقى تۇرمۇش ئادىتى، ئۆگىنىش ئادىتى ۋە تەبىئەتتىن زوقلىنىش ئادەتلىرىنى ساغلام يېتىلدۈرۈش ئاتا – ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىدۇر. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە فىزىئولوگىيەلىك يېتىلىشىگىلا دىققەت قىلماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ۋە پىسخىك ئۆزگىرىشلىرىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان