(1951-1887)
ئىلىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەرىپەتپەرۋەر زات، تارىخچى، يازغۇچى، شائىر ۋە قەدىمكى زامان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى نەزەر خوجا(تەخەللۇسى ئۇيغۇر بالىسى) پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم - مەرىپەتكە، مائارىپقا ئاتىغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر زاتلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.
ئۇنىڭ يازغان ماقالە، ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە شېئىرلىرى ‹‹يورۇق ساھىللار›› دېگەن نامدا توپلام قىلىپ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، قىممەتلىك مىراسقا ئايلىنىپ قالدى.