ئەھمەتجان ياسىن ئىقبال
بەزىلەر بار شاتۇتىغا ئوخشايدۇ،
تەپتارتماستىن باشقىلارنى دورايدۇ.
كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىپ،
ئۆزلىرىنى زادى ئويلاپ قويمايدۇ.
*****
تۇتۇپ يەيدۇ مۈشۈك كۆرسە چاشقاننى،
گاھى ئاڭا بەردۇق گالدىن ئاشقاننى.
بەرسەڭ يەيدۇ، تىلىمەيدۇ بەرمىسەڭ،
خالايدۇ كىم ئوڭدىسىغا ياتقاننى؟
*****
گۈل تېرىيدۇ ھەممە باغۋەن بېغىغا،
ھەتتا ئۆيدە تەكچىلەرگە، قاچىغا.
گۈزەللىكتىن چاچسۇن دەيدۇ ھىدىنى،
زوق بەرگىلى ئەۋلادلارنىڭ دىلىغا.
****
گۈل تېرىدىم گۈلگە ئوخشاش كۈلەي، دەپ،
باغلار ئارا گۈللەر پۇراپ يۈرەي، دەپ.
ئەجدادلاردىن قالغان مۇشۇ ئۇدۇمدىن،
چىن ھاياتنىڭ چىن پەيزىنى سۈرەي، دەپ.
****
گۈل بولمىسا كۈلمەيدۇ بۇ گۈل ھايات،
قۇشلار ھەتتا كۆكتىمۇ قاقماس قانات.
گۈلنىڭ ئىشقى يانسا ئاتەش يۈرەكتە،
قۇچار شائىر نەزمىدىن گۈزەل ئىجاد.
(ئاپتور بورتالا شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)