باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹چۆچەك ئېيتىش›› ئويۇنى

      ‹‹چۆچەك ئېيتىش›› ئويۇنى كەچ كۈز ياكى قىش پەسلىدە پاكىز تازىلانغان مەيدان ياكى ھويلىلاردا قىز ــ ئوغۇللار ئوينايدۇ.

      ئادەتتە بۇ ئويۇنغا قاتناشقان بالىلار ئويۇن جەريانىدا نۆۋەت بىلەن بىر قېتىمدىن چۆچەك ئېيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى لازىم بولغاچقا، قاتنىشىدىغانلار 10 ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. ئويۇن داۋامىدا ھەربىر بالا پەقەت بىرلا چۆچەك ئېيتىشى، چۆچەك مەزمۇنى بالىلارغا ھەر جەھەتتىن ماسلىشىشى شەرت.

      ئويۇنغا قاتنىشىدىغان بالىلار ئۆزلىرى بەلگىلىگەن ‹‹ئانا››نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ رەتلىك ئولتۇرىدۇ. ‹‹ئانا››نىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن ئويۇن باشلىغان بالا ئۆزى ۋە باشقا بالىلار ياقتۇرىدىغان، تەڭتۇشلىرىنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىغا، تەسەۋۋۇرىغا ماس كېلىدىغان، مەزمۇنى يېڭى ۋە ساغلام، قىسقا چۆچەكتىن بىرنى تاللاپ چەبدەسلىك بىلەن بايان قىلىپ، ‹‹ئانا›› ۋە بالىلارنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، نۆۋەتنى يېنىدىكى بالىغا بېرىدۇ، ئايرىم ھاللاردا قايسى بالىنىڭ چۆچەك ئېيتىشىنى ‹‹ئانا›› بېكىتىدۇ. ئويۇن ئاشۇ تەرىزدە داۋاملىشىپ، ئويۇنغا قاتناشقان بالىلارنىڭ ھەممىسى بىر قېتىمدىن سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋالدا بىرنەچچە چۆچەك ئېيتىپمۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ رازىلىقىنى ئالالمىغان، ‹‹باھالىغۇچى››لار تەرىپىدىن ھەر خىل چەكلىمىگە ئۇچرىغان بالىلار باشقا كۈندە قايتا سۆزلىسە بولىدۇ. ناۋادا مەلۇم بىر بالا بىرنەچچە قېتىملىق ئويۇن جەريانىدا چۆچەك ئېيتىپمۇ ئوخشاشلا نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە، ‹‹جازا››غا تارتىلىدۇ؛ بۇ ئارقىلىق ساۋاق قوبۇل قىلىپ، ئۆز ـ ئۆزىنى تەربىيەلەپ، بارا ــ بارا تەلەپكە لايىقلىشىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ؛ مەنىۋى تۇرمۇش چۈشەنچىسى ۋە ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغىتىدۇ؛ كىچىكىدىن ئەدەبىيات ـ سەنئەتكە قىزىقىش ئۇرۇقىنى چېچىپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىش، دوستانە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلەرنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: ئىلمىنۇر