باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

دائىم قورساقنى ئۇۋۇلاشنىڭ ئالتە چوڭ پايدىسى

      ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ياخشىلاپ قەۋزىيەتنى تۈگىتىدۇ. ئۈچەينى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئۈچەينىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش، قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ چوڭ - كىچىك ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە پايدىلىق. ياشانغانلارغا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ.

      ئورۇقلاشقا پايدا قىلىدۇ. ئۈچەينى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، ئۇششاق نېرۋىلارنى غىدىقلاپ قىل قان تومۇرلارنىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ ياغنىڭ ھەزىم بولۇشىنى تېزلىتىپ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

      ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ. قورساقنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئادەمنى خۇشخۇي قىلىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى قورساقنى ئۇۋۇلاپ بەرسە سەپىرانى پەسەيتىپ، مىزاجنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

      ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن كېيىن بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت قورساقنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئاشقازان يارىسىنىڭ ساقىيىشىغا ياردىمى بولىدۇ.

      سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى قورساقنى ئۇۋۇلاشنى داۋاملاشتۇرسا، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ قورساق ئېسىلىپ قېلىش، ئىشتىھاسىزلىقنى ياخشىلايدۇ.

      ئوپېراتىسىيەدىن كېيىنكى ئۈچەي چاپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئوپېراتىسىيە ئېغىزى پۈتۈنلەي ساقىيىپ بولغاندىن كېيىن، قورساقنى ئاستا ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئۈچەينىڭ ھەركىتىنى ياخشىلاپ ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

      قورساق ئۇۋۇلاشنىڭ ئۇسۇلى : ئادەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تۈز يېتىپ ئىككى تىزىنى يىغىپ تۇرۇپ سول ئالقاننى كىندىك ئۈستىگە قويۇپ، ئوڭ ئالقاننى ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئالدى بىلەن سولغا 50 قېتىم، ئاندىن كېيىن ئوڭغا 50 قېتىم ئۇۋۇلاش كېرەك.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان