باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

‹‹مەخپىيەتلىك››

      يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن بۇ مەھەللىدە داۋاملىق توك توختاپ قالىدىكەن، شۇڭا ئېھتىيات ئۈچۈن شام تەييارلاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.

      شۇنىڭ بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى بىر مىلىچمال دۇكىنىغا بېرىپ، دۇكانداردىن شام بار – يوقلۇقىنى سورىسام، ئۇ ‹‹يوق›› دەپ جاۋاب بەردى. يەنە بىر دۇكاندارمۇ دۇكىنىدا شام يوقلۇقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن 3 – دۇكانغا بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم، بىراق بۇ دۇكاندارنىڭ جاۋابىمۇ ئوخشاشلا ‹‹يوق›› بولۇپ چىقتى.

      مەن بۇ مەھەللىدە قانداقسىگە بىرەر دۇكاندىمۇ شام سېتىلمايدىغاندۇ دەپ ھەيران قالدىم، دۇكاندار ماڭا چۈشەندۈرۈشكە ھۇرۇنلۇق قىلىپ: ‹‹پايدىسى بەك ئاز بولغانلقتىن، ساتمىدۇق›› دەپلا قويدى.

      بىلىشىمچە، بۇ مەھەللىدە مىلىچمال دۇنكىنىدىن تۆتى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە بىر دۇكانغا بېرىپ تەلىيىمنى سىناپ باقماقچى بولدۇم.

      دۇكاندار مېنىڭ بۇ مەھەللىگە يېڭى كەلگەنلىكىمنى بىلدى بولغاي، ماڭا ئۇدۇللا قىلىپ: ‹‹دۇكانغا بارسىڭىزمۇ بەرىبىر يوق، شۇڭا ئارتۇقچە ئاۋارە بولۇپ يۈرمەي، ئۇدۇل بازارنىڭ ئايىغىدىكى موماينىڭ يېنىغا بېرىڭ، ئۇنىڭ يېنىدا شام بار›› دېدى.

      شۇنىڭ بىلەن مەن ئاياغ مەھەللىگە بېرىپ، ئۇ ئۆيدە راستتىنلا بىر موماينىڭ يايمىسى بارلىقىنى كۆردۈم ھەم شامنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا پۇل بەرگەچ: ‹‹سودىڭىز ياخشىمۇ؟›› دەپ سورىدىم.

      موماي رازىمەنلىك بىلەن: ‹‹ناھايىتى ياخشى، مانا ھازىر توك توختاپ قالدىغۇ؟ بىراق ھەمىشە بۇنداق توك توختاۋەرسىمۇ ياخشى ئەمەستى›› دېدى.

      ئۇ گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن قولىنى ئۇزۇن سوزۇپ، ماڭا شامنى ئېلىپ بەردى، مەن شۇ چاغدىلا بۇ موماينىڭ پۇتىنىڭ پالەچ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم ھەم يولۇمغا راۋان بولدۇم.

      ئۇدا نەچچە كۈن كەچتە يەنە توك توختاپ قالدى. مەن ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىپ زېرىكىپ كوچىغا چىقتىم ھەم ماڭا موماينىڭ يېنىغا بېرىشىمنى ئېيتقان دۇكاندارنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر ئاز نەرسە سېتىۋالغاچ شام توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم.

      ‹‹بۇ بازاردا ھەمىشە توك توختاپ قالىدىكەن، ئۇنداق بولغانىكەن، شامنىڭ سودىسى چوقۇم ياخشى بولىدۇ ئەمەسمۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر نېمىشقا شام ساتمايسىلەر؟›› دەپ سورىدىم.

      دۇكاندار كۈلۈپ قويۇپ ماڭا بۇنىڭدىكى ‹‹مەخپىيەتلىك››نى سۆزلەپ بەردى. ئەسلىدە بۇ موماينىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، بۇ تۆت دۇنكاندار مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق شام سېتىش پۇرسىتىنى مومايغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنىكەن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي