باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

دۆلەت ئۈچۈن غايە تىكلەش

      قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن سانسىزلىغان غايىلىك ھەم ئىرادىلىك كىشىلەر ۋەتەنسۆيەر ئالىيجاناب پەزىلىتى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتەك مەسئۇلىيىتى بىلەن تولۇپ تاشقان روھنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو دېمۇكراتىك ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ پېشۋاسى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى.

      نۇرغۇن دېھقان بالىلىرىغا ئوخشاش سۇن جۇڭشەنمۇ بالىلىق ۋاقىتلىرىنى تاغدا ئوتۇن كېسىپ، دېھقانچىلىق ئەمگىكىگە قاتنىشىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىشچانلىق، باتۇرلۇقتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن. ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە بېرىلىپ كىتاب ئوقۇپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە ئىلمىدە ۋايىغا يېتىپ، دوستلىرى تەرىپىدىن ‹‹كامالەت ئىگىسى›› دەپ تەرىپلەنگەن.

      ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ئىرادىسىنى يوقاتمىغان. شىنخەي ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ فېئوداللىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ جۇڭخۇا مىنگونى قۇرۇپ چىققان. مۇستەقىل، بىرلىككە كەلگەن، دېموكراتىك ۋە قۇدرەتلىك جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن زېھنى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ ئۆلمەس باتۇرلۇق قىسسىسىنى قالدۇرغان.

      سۇن جۇڭشەن ئەپەندى بىزگە ئىنتايىن قىممەتلىك روھىي بايلىق قالدۇرۇپ كەتتى، مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ ئىزلىرىنى بويلاپ پارتىيە رەھبەرلىكىدە پارلاق كېلەچەكنى كۈتۈۋالدى.

      دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشى، تارىخنىڭ تەرەققىياتى، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ياكى زاۋال تېپىشى ھەربىر يەن – خۇاڭ ئەۋلادلىرىنىڭ شەرەپ – نومۇسىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. 12 – نويابىر سۇن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 146 يىللىق خاتىرە كۈنى. ساۋاقداشلار، قول تۇتۇشۇپ غايىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى، جۇڭخۇانىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆگىنەيلى، ئىزدىنەيلى، يېڭىلىق يارىتايلى، ياشلىق باھارىمىز ۋە ئەقىل – پاراستىمىز بىلەن پارلاق سەمەرە، نۇرانە ھايات كارتېنىسى سىزىپ چىقايلى!

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر