باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالدۇر مەكتەپكە كىرىش مېڭىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىقمۇ

      بەزى ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ بالدۇرراق مەكتەپكە كىرىشىنى ئويلىسىمۇ، بىراق بالىلارنىڭ مېڭىسىگە تەسىر يېتىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدۇ. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلار بالدۇر مەكتەپكە كىرسە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتمەيدىكەن.

      مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە قارىغاندا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن چوڭلار مېڭىسىنىڭ %25 ىگە توغرا كېلىدىكەن. بىر ياشقا كىرگەندە چوڭلار مېڭىسىنىڭ %50 ىگە ئىككى ياشتا %70 ىگە، ئالتە ياشتا % 90ىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالىلىق دەۋرىدە مېڭىنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، تۆت ياش ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنىڭ ھەل قىلغۇچ مەزگىلى بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىي قىلىشى %50 كە يېتىدىكەن. تۆت ياشتىن سەككىز ياشقىچە %80 كە، 8 — 17 ياشقىچە %100 كە يېتىدىكەن. شۇڭا، بالىلار بەش، ئالتە ياشتا مەكتەپكە كىرگەندە سىستېمىلىق تەربىيە ئالىدىكەن، شۇنداقلا ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.

      پىسخولوگلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىنىشىچە، ئالتە ياش بالىلارنىڭ ئەقلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ھالقىلىق پەيت ئىكەن. بۇ پەيتنى ئۆتكۈزۈۋەتكەندە ئەقلىي تەرەققىياتىنى تولۇقلاش قىيىنلىشىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالىلار بەش، ئالتە ياشتا مەكتەپكە كىرسە چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتمەيلا قالماستىن، بەلكى ئەقلىنى ئېچىشقا ئىتنايىن پايدىلىق.

 

مەنبە: بالىلار ساغلاملىق دەستۇرىدىن تەھرىر: قەلبىنۇر