باش بەت | پىسخىكا

دائىم ماختىلىدىغان بالىلار مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن قاچىدىكەن

      ئامېرىكىدىكى ۋاشېنگىتون پوچتا گېزىتى يېقىندا مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان مائارىپ ساھەسىدە بالىلارنى ماختاشنىڭ ئۇلارنىڭ قەدىر - قىممىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىپ كەلگەن، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ماختاشقا سازاۋەر بولغان بالىلاردا ئۆزىنى مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن قاچۇرىدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالىدىغانلىقىنى، قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالماي ماختالماي قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بايقىدى.

      خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بالىلارنى ماختاش ئۇلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇ خىل ماختاش ئېنىق، ئىلمىي ۋە نىشانلىق بولۇشى، ‹‹قۇرۇق ماختاش›› سۆزلىرى قىلىنماسلىقى كېرەك.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان