باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

مۈشۈك

      كۆپلىگەن كىچىك دوستلار مۈشۈكنى ياخشى كۆرىدۇ. مۈشۈك ھەققىدە گەپ بولسا كىچىك دوستلارنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇنىڭ ئوماق تۇرقى، ئۇيقۇغا ئامراقلىقى كېلىدۇ. ئۇ ئۇيقۇغا زادى قانچىلىك ئامراق؟

      مۈشۈك بىر كۈندىكى 24 سائەتنىڭ 14 – 15 سائىتىنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. بەزىدە ھەتتا 20 سائەتتىن كۆپرەك ئۇخلايدۇ. بۇ ئادەملەرنىڭ ئۇيقۇسىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق، شۇڭا ئۇ ‹‹ھۇرۇن›› ئاتالغان. بىراق، بۇنداق دېسەك مۈشۈككە ئۇۋال قىلغان بولىمىز. ئۇ ئەسلىدىنلا كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان ھايۋان، ئەڭ پائالىيەتچان ۋاقتى تاڭ سەھەر ياكى كەچقۇرۇن بولىدۇ. كۈندۈزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئارام ئېلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. مۈشۈكنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولۇپ ئېگىزگە چىقىشقا ماھىر. ئۇ تام، قاشا قاتارلىق ئېگىز، تار جايلاردا ماڭغاندا ھەمىشە قۇيرۇقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋالىدۇ، ئايروپىلانغا ئوخشاش بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.

      ئۇ ئېگىزدىن سەكرىگەندىمۇ يىقىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن يەنە پۇتىنىڭ ئاستىدا ناھايىتى قېلىن ‹‹گۆش پېتەك›› بار. بۇ ‹‹گۆش پېتەك›› يۇمشاق ھەم ئېلاستىكىلىق بولۇپ ئۇنىڭ يەرگە يېنىك چۈشۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر