باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

مەنزىرە تەسۋىرلەش ماھارىتى

 1 - قانداق قىلغاندا مەنزىرىنى ياخشى تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ

       تاغ – دالىلارنىڭ تۆت پەسىلدىكى مەنزىرىسى ئۆزگىچە، مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ زال، ھۆيلىلىرىنى، باغچىلىرىنىڭ مەنزىرىسى تېخىمۇ شۇنداق. ساۋاقداش، سىز ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى دىققەت بىلەن كۆزىتىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ››بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە ‹‹ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالغان ۋە خۇشال بولغان كۆنلىرىڭىز بولغانمۇ؟ مانا مۇشۇنداق كۆزىتىش، ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىق سىزنى چوقۇم مەنزىرىلەرنى يېزىش قاينىمىغا باشلاپ كىرىدۇ. سىز مەنزىرىنى يازغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ.

      1. مەنزىرىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىكىلىكىنى چىڭ تۇتۇش

كۆزىتىش مەنزىرىنى ياخشى يېزىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. تەبىئەتكە ئىنتىلىش، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش — كۆزىتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەنزىرە يېزىشتىن ئىلگىرى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىدىغان، گۈزەللىكنى بايقاشقا ماھىر بىر جۈپ كۆز بولۇش كېرەك. مەنزىرىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇنلىرى بىر قەدەر كۆپ، ئاساسلىقى مۇنداق تەرەپلەردىن كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك:

      (1) ئاسمان جىسىملىرى ۋە ھاۋارايى مەنزىرىسىنى كۆزىتىش. بۇ ئاساسلىقى كۈن، ئاي، تۇمان، شەبنەم، يامغۇر، قار، مۆلدۈر، سەھەر، چۈش، كەچقۇرۇن، كېچە، باھار، ياز، كۈز، قىش، شىۋىرغان، بۇلۇت، ھەسەن – ھۈسەن قاتارلىقلارنى كۆزىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

      (2) سۇ ئىنشائاتى ۋە جۇغراپىيەلىك مەنزىرىلەرنى كۆزىتىش. بۇ ئاساسلىقى دەريا، ئۆستەڭ، كۆل، دېڭىز، تاغ جىلغىسىدىكى ئېقىنلار، يامغۇر سۇلىرى، ئېگىز تاغلار، تاغ چوققىلىرى، دالىلار، يوللار، ئورمانلىق، يەر – جاھان قاتارلىق مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلەشنى كۆرستىدۇ.

      (3) ئىنسانلار مەدەنىيىتى، مەشھۇر يادىكارلىقلارنى كۆزىتىش. بۇ ئاساسلىق شەھەر، بازار، يېزا، كەنت مەشھۇر يادىكارلىقلار، ئاسارىئەتىقىلەر، ماشىنا، پاراخوت، كۆۋرۈك، مەكتەپ قورۇسى، باغۇ – بوستانلىق، ئۆي – ئىمارەت، دۇكان – ساراي قاتارلىقلارنىڭ تەسۋىرىنى كۆرسىتىدۇ.

      (4) بىز ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق ھەربىر مەنزىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بىر – بىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز. مەنزىرىنى تەسۋىرلىگەندە دەل ئەنە شۇ خاس ئالاھىدىلىكنى چىڭ تۇتۇپ يېزىشىمىز كېرەك. كۈزدىكى ھاۋانىڭ ئوچۇقلۇقى، يوپۇرماقلارنىڭ چۈشۈشى، سېرىق رەڭگە كىرگەن ئورمانلار، پىشقان زىرائەتلەر، مەي باغلىغان مېۋىلەر كۈز پەسلىنىڭ ياز پەسلىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى ئەمەسمۇ؟

[ئۆرنەك]

كۈزدىكى ئېتىزلىق

      كۆپكۆك ئاسماندا بىر پارچە ئاپئاق بۇلۇت شامالنىڭ يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ ئۇياقتىن بۇياققا لەيلەپ يۈرمەكتە. بىر توپ غازلار رەت بولۇپ جەنۇبقا قاراپ ئۇچماقتا.

      ئېتىزلىقلاردىكى پىشقان شال ئالتۇن رەڭگە كىرگەن. سۇس سېرىق، ئالتۇن رەڭلىك توق سېرىق رەڭلىك باشاقلار كۈز شامىلىدا دولقۇنلىنىپ، ئۇياقتىن – بۇياققا چايقىلىدۇ. يېقىن ئەتراپتا بىرنەچچە دېھقان ئوما ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ ئوما ئورۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كەينىدە باغلام – باغلام شال باشاقلىرى تىزىلغان. ئۈستبېشى تەرگە چۆمۈلگەن بولسىمۇ لېكىن سۈيى ئېقىپ تۇرىدۇ. قومۇش ۋە قوناقلارنىڭ سايىسى سۇدا ئەكس ئېتىپ، سۇ تېخىمۇ سۈزۈك بىلىنەتتى. كۆك ئاسماننىڭ ئۆستەڭدىكى شولىسى تېخىمۇ سۈزۈك بىلىنەتتى. كۆك ئاسماننىڭ ئۆستەڭدىكى شولىسى تېخىمۇ ئاق كۆرۈنەتتى. كۈز شامىلى بىرنەچچە تال سارغايغان يوپۇرماقنى ئۆستەڭ ئىچىگە ئۇچۇرۇپ چۈشۈرۈۋەتتى. بېلىقلار ئۈزۈپ كېلىپ ئۇنى ئۆزلىرىگە كۈنلۈك قىلىۋالدى. دېھقان تاغىلار ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ يۈز – كۆزلىرىنى يۇيىدۇ. بەزىدە بېلىقلارنى تۇتۇپ، كاۋاپ قىلىپ يەيدۇ.

      ئۆستەڭ يېنىدىكى ئويمانلىقتا رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، بۇ قىزىل، ئاق، ھال، سېرىق رەڭلىك گۈللەر خۇددى رەڭدار گىلەمگىلا ئوخشايدۇ. بالىلار مەخمەلدەك يېشىل ئوتلاقلاردا دومىلاشماقتا، قوغلاشماقتا. چېكەتكە تۇتماقتا. ئاھ! يۇرتۇمنىڭ كۈز پەسلى نېمىدېگەن گۈزەل – ھە!

 

مەنبە: ‹‹يېزىقچىلىق يېتەكچىسى›› دىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي