باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

گۈلسامساق بىلەن قورۇلغان بېلىق

 
      ماتېرىيالى: گۈلسامساق، يېسى پۇرچاق، كۆك - قىزىلمۇچ، بېلىق

      تەم خۇرۇچلىرى: تۇز ، كىراخمال، تېتىتقۇ، توخۇ گۆشى تەملىك تېتىتقۇ

      تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. ئالدى بىلەن كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيىمىز. ئاندىن دىڭ - دىڭ قىلىپ توغرايمىز، بېلىقنىمۇ دىڭ قىلىپ توغرايمىز.

      2. ئاندىن قازانغا سۇ قويۇپ توغرىۋالغان كۆكتاتلارنى سۇدا چالا پۇشۇرىمىز. بېلىقنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلدا قىلسىڭىز بولىدۇ. بېلىقنى قاينىغان سۇغا سېلىپ پۇشۇرىمىز. بېلىقنى قازانغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن چۈمۈچ بىلەن قوچىماڭ، بولمىسا بېلىق ئېزىلىپ كېتىدۇ. (ئەمدى ھەممىنى سۇدىن ئۆتكۆزىۋالدۇق).

      قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئازراق ماي قويۇپ كۆكتاتلارنى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن مۇۋاپىق سۇ قويۇپ بېلىقنى سېلىپ ئىككى ئۆرۈپ تۇز، تېتىتقۇ، توخو گۆشى تەملىك تېتىتقۇ سالىمىز. كىراخمال بىلەن سۈيىنى قۇيۇلدۇرۇپ تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.

 

مەنبە: ئاشپەز تورى تەھرىر: ئاينۇر