باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

تاجىكلارنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى

شېرىن قۇربان

      تاجىكلارنىڭ ‹‹بۈركۈت ئۇسسۇلى››، ‹‹زۇۋۇر ھېيت›› ۋە ‹‹تېرىلغۇ بايرىمى›› دىن ئىبارەت ئۈچ خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى 1 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ئەسەرلەر تىزىملىكنىڭ گەۋدىلىك يېرىدىن ئورۇن ئالدى.

      تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئۇسسۇلى ئادەتتە ‹‹بۈركۈت ئۇسسۇلى›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مۇنداقلا قويۇلغان نام بولماستىن، بەلكى يىراق ۋە چوڭقۇر تارىخىي، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە. بىرىنچىدىن، تاجىكلارنىڭ شوخ، نەپس ۋە لەرزان ئۇسسۇلى ئەڭ دەسلەپتە نەۋقىران بۈركۈتنىڭ كۆكتىكى پەرۋاز ھەرىكىتىگە تەقلىد قىلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. ئىككىنچىدىن، ‹‹بۈركۈت ئۇسسۇلى›› خىلمۇ خىل ھەرىكەت ۋە ھېسسىيات گۈزەللىكىگە باي بولۇپ، ئۇنىڭدا تاجىك خەلقىنىڭ خۇددى بۈركۈتنىڭ بىپايان بوشلۇقتىكى ھەرىكىتىدەك مەردانە، ئەركىن پەرۋاز قىلىش ئارزۇ-ئىستىكى، ئەركىن ۋە بەختىيار ھاياتقا بولغان ئىنتىلىشلىرى، تەبىئەتنى سۆيۈش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن. ئۈچىنچىدىن، تاجىكلارنىڭ ‹‹بۈركۈت ئۇسسۇلى›› چوقۇم ‹‹بۈركۈت نەي››نىڭ تەڭكىشىدە ئورۇنلىنىدۇ. تۆتىنچىدىن، تاجىك خەلق رىۋايەت - ھېكايەت سىستېمىسىدا بۈركۈت ئۇسسۇلىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە بۈركۈت ئوبرازى يارىتىلغان رىۋايەتلەردىن ئون نەچچىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بۈركۈت ئىجابىي ئوبراز سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ ۋە رول ئوينايدۇ. بەشىنچىدىن، تاجىكلارنىڭ تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيەت قارىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۈركۈتكە ئالاھىدە نەزەر بىلەن قارايدۇ. ئۇنى ئۇچار قاناتلارنىڭ سەركەردىسى، مېھىر - شەپقەتنىڭ، باتۇرلۇق، جەسۇرلۇق ۋە جاسارەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا، بۈركۈتنىڭ تاجىكلارنىڭ ھامىيسى ياكى سىمۋولى بولۇشنى تاجىكلار مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى تەرەققىيات جەريانى بەلگىلىگەن.

      تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيىتى ئىچىدە ‹‹زۇۋۇر ھېيت›› بىلەن ‹‹تېرىلغۇ بايرىمى›› مۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

      ‹‹زۇۋۇر ھېيت›، تاجىك تىلىدا ‹‹سۇ باشلاش ھېيتى›› دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ۋاقىت جەھەتتە، بۇ ھېيت باھار مەۋسۈمىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئالدىدىكى جىددىي تەييارلىق بولۇپ، ئۇنى ‹‹ئىشلەپچىقىرىش ھېيتى›› دېيىشكىمۇ بولىدۇ. تاجىكلاردا ھېيت - ئايەم بىر قەدەر كۆپ. مەسىلەن، دىنىي ھېيتلاردىن قۇربان ھېيت، روزا ھېيت؛ مىللىي ئۆرپ - ئادەت ھېيتلىرىدىن شاۋگۈن باھار ھېيتى (نورۇز بايرىمى)، پىلىك ھېيت؛ ئىشلەپچىقىرىش ھېيتلىرىدىن زۇۋۇر ھېيت ۋە تېرىلغۇ بايرىمى قاتارلىقلار بار. مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن قارىغاندا، زۇۋۇر ھېيت ئەمەلىيەتتە پامىر ئېگىزلىكىنىڭ رېئال گېئوگىرافىيەلىك كىلىماتى بىلەن تاجىك ئەمگەكچىلىرىنىڭ بۇ مۇھىتقا ماسلاشقان ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

      تاشقورغان رايونى ئېگىز تاغلىق رايون بولۇپ، ھاۋاسى سوغۇق، ئاھالىسى شالاڭ. قىش كۈنلىرى جىرا - بۇلاق سۇلىرى قېتىپ چوڭ-كىچىك مۇزلۇقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەتىياز يېتىپ كەلگەندە، بۇ مۇزلۇقلارنى چوقۇپ، ئېرىق- ئۆستەڭلەرگە سۇ باشلاپ كېلىپ، تېرىلغۇنى باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. يەككە مۈلۈكچىلىك دەۋرلىرىدە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا بېرىپ مۇز چوقۇپ سۇنى باشلاپ كېلىپ، تېرىلغۇسىغا باشلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، كەنتتىكى بارلىق كىشىلەر بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ تەڭ جەڭگە ئاتلىنىشقا توغرا كېلەتتى. زۇۋۇر ھېيت ئەنە شۇنداق رېئال ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىچىدە بارلىققا كەلگەن ۋە داۋاملاشقان. ئادەتتە، ھېيت يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى بەزى تەييارلىقلار قىلىنىدۇ. يەنى ھەمەل ئېيى كىرىش بىلەن تەڭ ئاساسلىق ئېرىق - ئۆستەڭلەرنىڭ مۇزلۇقلىرى ئۈستىگە توپا چېچىلىدۇ. چۈنكى، توپا مۇزنى تېز ئېرىتىدۇ. ھەر خىل قورال - سايمانلار تەرەددۇت قىلىنىدۇ ھەمدە ئۈچ تال چوڭ ھېيتلىق كۆمەچ نان يېقىپ تەييارلىنىدۇ. بۇ كۆمەچلەردىن بىرى ئۆيدە قالىدۇ. ئىككىسى سۇ باشلاش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھېيت كۈنى، كەنتتىكى كىشىلەر مىرابنىڭ باشچىلىقىدا ئات - ئۇلاغلىرىنى مىنىپ سۇ باشلىنىدىغان نۇقتىغا بېرىپ، مۇز چوقۇپ، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى رېمونت قىلىش، راۋانلاشتۇرۇش ئەمگىكىگە قاتنىشىدۇ. سۇ ئۆستەڭگە باشلانغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھېيتلىق كۆمەچلىرىنى بىرلىكتە يېيىشىدۇ. بالىلار بىر - بىرىگە سۇ چېچىپ، ئويۇن-تاماشا قىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر دۇئا - تىلاۋەت قىلىشىپ، ھاۋانىڭ ئوبدان بولۇشىنى، شۇ يىلنىڭ مول ھوسۇللۇق، بەرىكەتلىك، مەمۇرچىلىق ۋە تىنچ - ئاسايىشلىق يىلى بولۇشىنى تىلەيدۇ. ئارقىدىنلا كىشىلەر ئات - ئارغىماقلىرىغا مىنىپ، سۇ باشلاش ھېيتىنى مۇبارەكلەپ، داغدۇغىلىق ئوغلاق تارتىشىش ۋە ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ھەممەيلەن شاد - خۇرام ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمۈلىدۇ.

      ‹‹زۇۋۇر ھېيت›› تاجىكلارنىڭ قەدىمكى مىللى ھېيتى بولۇپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ھەمدەملىك، ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىقتۇر. بۈگۈنكى كۈندە زۇۋۇر ھېيتنىڭ قىسمەن مەزمۇنلىرى ۋە شەكىللىرى ئىسلاھ  قىلىنىپ، يېڭى دەۋر روھىغا ماسلاشتۇرۇلدى. تاجىكلارنىڭ بۇ ھېيتى 1 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

      ‹‹تېرىلغۇ بايرىمى›، تاجىك تىلىدا ‹‹تېغىم زۇۋاست›› دەپ ئاتىلىدۇ. مەنىسى ‹‹ئۇرۇق چىقىرىش››، ‹‹تېرىلغۇنى باشلاش›› دېگەندىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇنى ‹‹تېرىلغۇ بايرىمى›› دېيىشكە بولىدۇ.

      ئادەتتە تېرىلغۇ بايرىمى ‹‹زۇۋۇر ھېيت››تىن كېيىنلا باشلىنىدۇ. ھېيت كۈنى ھەممە ئائىلە ئۇلاغ، سايمان - جابدۇق ۋە ئۇرۇقنى ئېتىز بېشىغا ئېلىپ چىقىدۇ. يۇرتنىڭ مۆتىۋەر - ئاقساقاللىرى، مويسىپىت - پېشۋالىرى بەرىكەت دۇئاسىنى بەرگەندىن كېيىن، ئەڭ تەجرىبىلىك، كۆپ پەرزەنتلىك دېھقان بىرىنچى بولۇپ ئۇرۇقنى ئېتىزغا چاچىدۇ. ئېيتىلىشىچە، بۇنداق كىشى ئۇرۇق چاچسا، ھوسۇل بەرىكەتلىك بولىدىكەن. مۇشۇ ئەقىدە يېتەكچى ئىدىيە قىلىنغانلىقىدىن بولسا كېرەك، كىشىلەر تۇنجى ئۇرۇقنى ئاشۇنداق دېھقانلارنى تەكلىپ قىلىپ چاچقۇزىدۇ. ئېتىز پائالىيىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆز - ئارا ھېيتلىشىدۇ.

      تاجىكلارنىڭ ‹‹تېغىم زۇۋاست›› ھېيتىدا پۈتۈن كەنت ئۆ ئارا ھەمكارلىشىش، بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بولۇش، بىر - بىرنىڭ كېمىنى تولۇقلاش، ئۆز ئارا ياخشى تىلەك - ئىستىكىنى بىلدۈرۈش، بىر - بىرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشتىن ئىبارەت كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يارقىن مەنزىرىسىگە ۋە كەيپىياتىغا چۆمۈلىدۇ.

      تېرىلغۇ بايرىمىمۇ تاجىكلارنىڭ ناھايىتى قەدىمكى ھېيتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۇنىڭ بەزى مەزمۇنلىرى، شەكىللىرى ۋە قائىدە - يوسۇنلىرى يېڭىلاندى ۋە تولۇقلاندى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر