باش بەت | سەيلىگاھلار

باي ناھيىسىدىكى بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرى

 

ئېكولوگىيىلىك كەنت

 

      باي ناھىيە بازىرىدىن چىقىپ ، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا قاراپ تەخمىنەن 30 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، كۆز ئالدىڭىزدا كەڭ كەتكەن بىر بوستانلىق نامايەن بولىدۇ. بۇ بىر كەنت بولۇپ، بۇ كەنتتە بىر كونا تۈگمەن بار. بۇ تۈگمەن كەنت سىرتىدىكى ئۆستەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭ سۈيى كەنتنىڭ يېنىدىكى بۇلاقتىن كېلىدۇ. كەنتتە يەنە قەدىمىي قەبرىستانلىق بار بولۇپ، قەبرىستانلىق ئەتراپىدا نۇرغۇن ھايۋانات مۈڭگۈزى، فار– فۇر بويۇملارنىڭ پارچىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇشۇ كەنتتىكى بىر دېھقاننىڭ ئېيتىشىچە، ياتۇر يېزىسىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك كەنتى بولغان گۈلئاتامازار دېگەن بۇ كەنت چەت – ياقا جاي بولغىنى بىلەن، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ئاجايىپ گۈزەل ، ھاۋاسى ساپ. ھەر يىلى ياز كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇ يەرگە كېلىپ ، بۇ يەردىكى قەدىمىي شامان دىنىيغا تەۋە قەبرىستانلىق، ھايۋانات مۈڭگۈزى، 500 يىللىق كونا تۈگمەن، سېرىق ئېچىلىدىغان ئازغان گۈلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر سرتقى كۆرۈنۈش ئۈچۈن سۈرەتكە ئالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. ساياھەتچىلەرمۇ كېلىشكە باشلىغان، مۇشۇنداق تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتتا، گۈزەل مەنزىرىگە ئىگە بولغان بۇ كەنت ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك كەنت ھېساپلىنىدۇ.

 

قىزىل مىڭ ئۆي

 

      قىزىل مىڭئۆيلەر ئېگىز تاغ باغرىدا بولۇپ ، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك بۇ يەرنى تېخىمۇ سىرلىق كۆرسەتكەن. قىزىل مىڭئۆي 3 – ئەسىردە ياسىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ قىزىل يېزىسىنىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى يەتتە كىلومېتىر كېلىدۇ. قىزىل مىڭئۆي ئېلىمىزدىكى مەشھۇر ‹‹تۆت چوڭ غار››نىڭ بىرى. ئۇ 1961 – يىلى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. قىزىل مىڭئۆينىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ كۋادىرات مېتىردىن ئاشىدۇ. ھازىر بۇ يەردىكى تىزىمغا ئېلىنىپ، نومۇر قويۇلغان غار 632 بولۇپ، 135 غاردىكى تام رەسىملىرى مۇكەممەلرەك ساقلانغان. بۇ غارلاردىن ئون نەچچىسىلا ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن. بەزى غارلار ئىبادەت قىلىدىغان، تاماق ئېتىدىغان ئۆي ئورنىدا پايدىلانغاچقا، بۇ غارلاردا ئېتىكاپ ئورنى ۋە ئوچاقلار بولۇپ، ئىسلىشىپ كەتكەن تاملاردا رەسىم بار – يوقلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئازادلىقتىن ئىلگىرى بەزى غارلاردىكى خېلى كۆپ بۇتنى چەتئەل ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى ئېلىپ كەتكەن. قىزىل مىڭئۆينى دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، تارىخى دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارلىرىدىن ئۇزۇن. تاغ باغرىدا كوماراجىۋانىڭ قارا كاسايا كىيگەن، ئوڭ قولى يالىڭاچ، يالىڭئاياغ، سول پۇتى ئىچىگە، ئوڭ پۇتى سىرتىغا ئىگىلگەن ھالدا ئولتۇرغان ھالەتتە ئىشلەنگەن مىس ھەيكىلى بار.

 

قىزىل سۇ ئامبىرى

 

      قىزىل سۇ ئامبىرىنىڭ ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1– لەيلەتمە›› دېگەن نامى بار. قىزىل سۇ ئامبىرى سۇچىلىق مىنىستىرلىكى بىۋاستە مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش بولۇپ، قىزىل كۆلى بىلەن تۇتىشىدۇ. قىزىل سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 44.6 كۋادىرات كىلومېتىر، سىغىمچانلىقى 640 مىليون كۇب مېتىر، پايدىلىنىش سۈيىنىڭ سىغىمچانلىقى 477 مىليون كۇب مېتىر، دامبىنىڭ ئېگىزلىكى 44 مېتىر، سۇ ئېلىكتېر ئىستانسىنىڭ گېنراتور سىغمچانلىقى 26 مىڭ كىلوۋات سائەتتىن كۆپرەك. قىزىل سۇ ئامبىرى1991- يىلى پۈتكەندىن بۇيان، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، سۇغىرىش، توك تارقىتىش، ساياھەتچىلىك تۈرى جەھەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

 

ئونباش مىڭئۆيى

 

      ئونباش يېزىسىدا بولۇپ، ئونباش يېزا مەركىزىگە تەخمىنەن يەتتە كىلومېتىر كېلىدۇ. ئونباش مىڭ ئۆيى قىزىل مىڭئۆيىدەك بولمىسىمۇ، ئۇ ھازىرغىچە سىرلىق قەدىمىيلىكنى يوقاتمىغان. چۆلتاغ جىلغىسىنى بويلاپ ئىچكىرىلەپ ماڭغاندا چۆلتاغ باغرىدا چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشىمىغان غارلار كۆرىنىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپلىگەن غارلارمۇ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن. غارلاردىكى تام رەسىملىرىمۇ قىزىل مىڭئۆيىدىكى رەسىملەرگە ئوخشىمايدۇ. غارلار تار بولۇپ، غاردىكى بۇت ۋە رەسىملەردىكى كىشىلەرنىڭ كىيىنىشى قەدىمكى زاماندىكى ئەرەبلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇزاق يىللار ئۆتكەچكە تام رەسىملىرىنىڭ رەڭگى سۇسلىشىپ كەتكەن. تام رەسىملىرىنىڭ سۇيۇلغان جايلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ.

      باي ناھىيەسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە يۇرت بولۇپ، تارىختا قەدىمكى يېپەك يولىدىكى مۇھىم بازار بولغان. ئۇ قويۇق مەدەنىيەت تارىخى، شۇنداقلا كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىش مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرمۇ مەشھۇر.

قەھرىمان روزى تەييارلىغان

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر