باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹كالتەك توپ›› ئويۇنى

      ‹‹غالتەك يىپ›› ئويۇنى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ ئويۇن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا بىرقەدەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، يىلنىڭ ھەرقايسى پەسىللىرىدە، مەيلى يېزا  ــ  قىشلاق ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، قىز ــ ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ ئوينىشىغا باب كېلىدۇ.

      بالىلار ئويۇننى باشلاشتىن ئىلگىرى ئەزاسى تەپمۇتەڭ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنسىمۇ ياكى ئىككى بالا بىر ـ بىرىگە قارشى ئوينىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئويۇن بىر ۋاقىتتا پەقەت ئىككى بالا ئوينايدىغان بولغاچقا، بىر بالا بىر گۇرۇپپا ياكى بىرنەچچە بالا بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بىر ـ بىرلەپ ئويۇن كۆرسىتىدۇ. ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلار سېپى 50 سانتىمېتىرلىق، يۈزى گۆشگىردە چوڭلۇقىدا بىردىن پالاق تەييارلىشى شەرت. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر قېتىملىق ئويۇن ئۈچۈن چوڭ ئادەمنىڭ قوش مۇشتۇمى چوڭلۇقىدىكى بىجىگەن توپتىن 2 ــ 3 ى، 2 ـــــ 3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا تانا ھازىرلىنىدۇ. مەيداننىڭ مۇۋاپىق يېرىگە ئۇچىغا ھالقا ئورنىتىلغان، 1.5 ــــ 2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر موما قادىلىدۇ، ئاندىن تانىنىڭ بىر ئۇچى موما ئۇچىدىكى ھالقىغا، يەنە بىر ئۇچى بىجىگەن توپقا چىگىلىدۇ. ئەگەر مەيداندا دەرەخ بار بولسا، تانىنىڭ بىر ئۇچى دەرەخ شېخىغا، يەنە بىر ئۇچى توپقا چىگىلىدۇ. ئويۇن كۆرسەتمەكچى بولغان ئىككى بالا مومىنىڭ ئىككى تەرىپىدە پالاقنى تۇتقىنىچە ئويۇننىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئويۇن رىياسەتچىنىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن تەڭ ئويۇن باشلىنىپ، بالىلار نۆۋەت بىلەن توپ ئۇرىدۇ. باشقا بالىلار بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە تۇرۇپ ئويۇن كۆرسىتىدۇ.

      ئويۇن كۆرىدىغان بالىلارنىڭ مومىنى مەركەز قىلىپ دائىرە سىزىقىدىن ھالقىماي تۇرۇشى، موما ئەتراپىدىكى دەم ئۇيان، دەم بۇيان ئۇچۇپ تۇرغان توپقا قول ئۇزاتماسلىقى، تەرەپبازلىق قىلماسلىقى؛ توپ ئويناۋاتقان ئىككى بالىنىڭمۇ پالاقنى قائىدە بويىچە مەھكەم تۇتۇپ ئۆز مەيدانىدا راۋۇرۇس تۇرۇشى، پالاقنى توپقا ئۇرۇشى، تانا ياكى قارشى تەرەپنىڭ قول ۋە پالىقىغا ئۇرماسلىقى، ئۆزئارا نۆۋەت ئارىلىۋەتمەسلىكى، توپنى رىتىملىق ئۇرۇشى، ئويۇن كۆرگۈچىلەرگە قارىتىپ ئۇرىۋەتمەسلىكى، بىر ـ بىرىنى گەپكە تۇتماسلىقى ۋە مومىغا تايىنىۋالماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.

      ئويۇن جەريانىدا رىياسەتچى ئەھۋالنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، ئۇرۇلغان توپنى سانايدۇ، پالاقنىڭ توپقا ھەربىر ئۇرۇلۇشى بىر نومۇر ھېسابلىنىدۇ. ئويۇن بەلگىلەنگەن قائىدە بويىچە داۋاملىشىپ، بەلگىلەنگەن چەككە يەتكەندە ئاخىرلىشىدۇ. ئويۇن ئاخىرىدا يەڭگەن ـ يېڭىلگەنلەر ئايرىلىپ، يېڭىلگەنلەر شۇ كۈنى ئويۇنغا قاتناشقان بالىلارنىڭ تەلپىنى بەجا كەلتۈرىدۇ: ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ ياكى يۇمۇر سۆزلەپ بالىلارنى كۈلدۈرىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆزئارا مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق ھەم دوستلۇق ئورنىتىش، ھەم تەن سەغلاملىقىنى ئاشۇرۇش روھىنى ئۇرغۇتىدۇ؛ كۆز، قول، پۇت قاتارلىق ئەزالارنى چېنىقتۇرىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: ئىلمىنۇر