باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ۋاپادار بالا، تىرىشچان ئوقۇغۇچى - بەختىيار

      خېجىڭ ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ 8 - يىللىق 14 - سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بەختىيار مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان ھەر جەھەتتىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ھەر يىلى ‹‹ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى››، ‹‹ئۈلگىلىك پىيونېر››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى››، ‹‹لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى›› بولۇپ  تەقدىرلەندى.

    بۇيىل 14 ياشقا كىرگەن بەختىيار ھەر كۇنى 65 ياشقا كىرگەن ئانىسى مەريەمخانغا ياردەملىشىپ تاماق ئېيتىش، كىر - قات يۇيۇش قاتارلىق ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەردى، ئانىسى ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى.

 سۈرەتتە: بەختىيار ئۆگىنىش قىلماقتا.

تۇردى ئەبەيدۇللا فوتوسى، خەۋىرى

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر