باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

تېلېفون قانداق ئىشلەيدۇ

  ھازىر ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك تېلېفون بار. تېلېفوندا باشقا جايلاردىكى ساۋاقدىشىڭىز ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن ئەھۋاللىشالايسىز، پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. تېلېفوندا سۆزلىشىش ئىنتايىن قولايلىق.

      ئۇنداقتا، تېلېفون قانداق ئىشلەيدۇ؟

      تېلېفون تۇرۇپكىسىدا بىر تەۋرىنىش پەردىسى بولىدۇ، سىز سۆزلىگەندە، تەۋرىنىش پەردىسى ئاۋازغا ئەگىشىپ تەۋرىنىدۇ. تەۋرىنىش پەردىسىنىڭ ئەتراپىدا بىر پارچە ئېلېكتىروماگنىتلىق تۆمۈر بولۇپ، تەۋرىنىش پەردىسى تىترىگەندە، ماگنىت مەيدانى بىلەن ئېلېكتىر ئېقىمىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئۆزگەرگەن ئېلېكتىر ئېقىمى تېلېفون سىمى ئارقىلىق سىرتقا تارقىلىدۇ. قارشى تەرەپتىكى تېلېفونغىمۇ مۇشۇنداق قۇرۇلما ئورنىتىلغان، ئۇ قۇرۇلما ئېلېكتىر ئېقىمىنى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دوستىڭىز گېپىڭىزنى ئاڭلىيالايدۇ.

     تېلېفون 1876 - يىلى شوتلاندىيەلىك ئالىكساندىر بېل تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. دەسلەپتە ئوخشاش بىر رايوندىكى كىشىلەرلا ئۆزئارا تېلېفوندا سۆزلىشەلەيتتى، ھازىر، تېلېفون لىنىيەسى ئېلېكتىر كابېلى ۋە ئوپتىكىلىق كابېل ئارقىلىق قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز ئاستىغىچە سوزۈلۈپ، پۈتۈن دۇنيانى تۇتاشتۇردى. پۈتكۈل تېلېفون سىستېمىسىغا يەنە سىمسىز خەۋەرلىشىش قوشۇلدى، بۇنىڭ بىلەن، باشقا - باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ خالىغان ۋاقىتتا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ئارقىلىق ئالاقە قىلالايدىغان بولدى. ئەڭ دەسلەپكى تېلېفون تورى ئادەم كۈچى بىلەن ئۇلىناتتى، يەنى تېلېفونىست سۆزلىمەكچى بولغان ئىككى تەرەپنىڭ لىنىيەسىنى ئۇلاپ بېرەتتى؛ ھازىر، تېلېفون ئالاقىسى كومپيۇتېر ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان بولدى. تېلېفون تورى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن سۆزلىشىش تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ راۋان ئاۋاز تېخىمۇ سۈزۈك ئاڭلىنىدىغان بولدى.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي