باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

مەن ئەڭ بەختلىك

شەھلا ئەخمەت

      كىچىك دوستلار، سىلەر بەختنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ بەزىلىرىڭلار يېڭى كىيىم كىيىشنى، بەزىلىرىڭلار كۆپرەك پۇل خەجلەشنى، يەنە بەزىڭلار باغچىغا بېرىپ ئويناشنى بەخت دەپ ئويلايسىلەر. مېنىڭچە بۇلار ھەقىقىي بەخت ئەمەس.

      مەن ئىنتايىن بەختلىك قىز. چۈنكى، مېنىڭ مېھرىبان ئانام، كۆيۈمچان دادام، ئوماق سىڭلىم بار. مەن مەكتەپتە دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىمەن. ھەر يىلى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىنىمدە ئاتا – ئانام رازىمەنلىك بىلەن پېشانەمگە سۆيۈپ قويىدۇ. بۇ چاغدا مەن بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىمەن.

      مەن ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا ئانامغا ياردەملىشىپ كۆكتات ئادالىشىپ بېرىمەن، سىڭلىمنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى رەتلەيمەن، تاماقتىن كېيىن چىنە – قاچىلارنى يۇيىمەن. بۇ چاغدا ئانام: ‹‹رەھمەت قىزىم، جاپا چەكتىڭىز›› دەيدۇ. مەن ئانامنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتكىنىمدىن خۇشال بولىمەن. قەلبىم چەكسىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ.

      دەم ئېلىش كۈنى مەن بوۋام – موماملارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىمەن. مومامنىڭ چېچىنى تاراپ، بوۋامنىڭ گۈللۈكلىرىنى سۇغىرىمەن. بۇ چاغدا ئۇلار خۇشال بولۇپ: ‹‹نەۋرىمىز قائىدىلىك چوڭ بوپتۇ›› دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تاتلىق سۆزى مېنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلدۇرىدۇ.

      ساۋاقداش، سىزمۇ مەندەك بەختلىكمۇ؟

(ئاپتور تۇرپان شەھەرلىك 5 – ئوتتۇرا مەكتەپ باشلانغۇچ بۆلۈم 4 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر