باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئاچ قورساق ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

      1. پەمىدۇر. پەمىدۇر تەركىبىدە پېكتېن، تاننازا بىرقەدەر مول، بۇ ماددىلار ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن خىمىيەلىك رىئاكسىيلىشىپ، ئاسان ئېرىمەيدىغان گېل پارچىسىنى ھاسىل قىلىپ، ئاشقازاندا تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.

      2. بانان. بانان تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ماگنىي بار، ئەگەر ئاچ قورساققا يېگەندە قاندىكى ماگنىينىڭ مىقدارى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ قاندىكى ماگنىي بىلەن كالتسىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ. يۈرەك قان تومۇرنى تورمۇزلايدۇ، بۇ ساغلاملىققا پايدىسىز.

      3. ئاپېلسىن. ئاپېلسىن تەركىبىدىكى قەنت بىلەن ئورگانىك كىسلاتانىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئاچ قورساق ئاپېلسىن يېگەندە ئاشقازان كىسلاتاسىنى غىدىقلايدۇ.

      4. دولانە. دولانە خىلىتنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش رولىغا ئىگە. ئەگەر ئاچ قورساققا دولانە ئىستېمال قىلسا قورساقنى تېخىمۇ ئاچۇرۇپ ئاشقازاننى ئاغرىتىدۇ.

      5. شېكەر قومۇشى بىلەن لىجى مېۋىسى. قورساق ئاچقاندا شېكەر قۇمۇشى ياكى لىجى مېۋىسىنى كۆپ مىقداردا يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان قەنت ئۆرلەپ كېتىپ يۇقىرى قەنتتىن ھوشسىزلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      6. سۈت، پۇرچاق سۈتى. بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكتە كۆپ مىقداردا ئاقسىل بار بولۇپ ئاچ قورساق ئىستېمال قىلغاندا ئاقسىل ئىسسىقلىق تەرىپىدىن خوراپ كېتىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. بۇنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇن تائاملىرى بىلەن ئىستېمال قىلىش ياكى تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىن، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىشتۇر.

      7. قەنت. قەنت ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىك بولۇپ ئاچ قورساق قەنت ئىستېمال قىلغاندا قاندىكى قەنت ئۆرلەپ كېتىپ، ئاسانلا كۆز كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. قەنت كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا ئاچ قورساق قەنت ئىستېمال قىلىش ئورگانىزىملاردىكى كىسلاتا بىلەن ئىشقارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ۋە ھەر خىل مىكرو جانلىقلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇۋېتىدۇ.

      8. سوغۇق ئىچىملىق. ئاچ قورساققا كۆپ مىقداردا سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە ئاشقازان غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ يىغىلىۋالىدۇ. ۋاقىت ئۇزارسا ئاشقازان – ئۈچەي كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ ھەم ئىچكى ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەسىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

      9. قارا چىلان. قارا چىلان تەركىبىدە پېكتېن، تاننىك كىسلاتا مول بولۇپ، بۇ تەركىبلەر ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن بىرىكىپ ئاشقازاندا قېتىۋالىدۇ.

      10. ئاناناس. كۈچلۈك ئېنزېملىق ئاناناسنى ئاچ قورساق ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان زەخىملىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۇنى تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر تېخىمۇ ئاسان قوبۇل بولىدۇ.

ئابدۇقېيۇم ئابدۇرېھىم (يوپۇرغا ناھىيەسى تېرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر