باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

سالاملىشىش ئادىتىنى يېتىلدۈرەيلى

      سالاملىشىش قائىدە – يوسۇن ۋە ياخشى ئادەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىدۇ. مەھەللىدە ‹‹ئاكا، ئاچا تىنچلىقمۇ!›› دېگەن بىر ئېغىز سۆز قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ ئاپتوبۇستا ئېيتىلغان ‹‹ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز›› دېگەن سۆز سىرتتىن كەلگەن يولۇچىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ؛ دوختۇرخانىدا ‹‹سىزگە سالامەتلىك تىلەيمىز›› دېگەن سۆز بىمارلارنىڭ تەشۋىشلەنگەن كۆڭلىگە ئارام بېرىدۇ؛ مەكتەپتە ‹‹قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا مەن ياردەم قىلاي›› دېگەن سۆز سىزنى يەنە بىر يېقىن دوستقا ئېرىشتۈرىدۇ. بىز توختىماستىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا، قەھرىتان سوغۇقتا ئۆز ئورنىدا جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئەمگەكچىلەرگە چوڭقۇر سالام يوللايلى. چۈنكى، ئۇلار گۈزەل سۆز – ھەرىكەتلىرى بىلەن روھىي دۇنيايىمىزنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرىدۇ، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقارىدۇ.

      يۈز تۇرانە سالاملىشىشتىن باشقا يەنە قانداق ئۇسۇل ۋە ۋاستىلەر ئارقىلىق كۆڭۈلنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ؟ ساۋاقداشلار، قولۇڭلارغا قەلەم، قەغەز ئېلىپ خەت يېزىش ئارقىلىق ئۆزئارا سالام يوللاڭلار؛ يانفوندا ئۇچۇر يېزىپ بىر – بىرىڭلارغا ئامانلىق تىلەڭلار؛ ئىنتېرنېت تورى، مىكروبىلوگ ئارقىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەڭلار!

      مەدەنىيلىك سالاملىشىشتىن باشلىنىدۇ، سالاملىشىش ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. ساۋاقداشلار، 11 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ‹‹دۇنيا سالاملىشىش كۈنى››. بىز بۈگۈندىن باشلاپ سالاملىشىشنى تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، باشقىلارغا ۋە ئۆزىمىزگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلەيلى!

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر