باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

توخۇ بىلەن كەپتەر

(چۆچەك)

 ياسىنجان توختىنىياز توغراق

      1. بۇرۇن خانتەڭرى ئېتىكىدىكى چەكسىز ئورمانلىقتا قارا توخۇ بىلەن ئالا بويۇن كەپتەر قوشنا ئىكەن. توخۇ ئانا كەسپىنى جارى قىلدۇرۇپ تۇخۇم تۇغۇپ كۆپ پۇل تېپىپتۇ.

 

      2. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىككەيلەن دەسمايىلىرىنى داڭلاپ گەپ تالىشىپ قاپتۇ. توخۇ: ‹‹مېنىڭ پۇلۇم كۆپ، ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايمەن›› دەپ كۆرەڭلەپتۇ. كەپتەرمۇ بوش كەلمەي: ‹‹مەن بىلىملىك، سەندىن ئۈستۈن تۇرىمەن›› دەپتۇ.

      3. توخۇ پۇللىرىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، كەپتەر قۇرۇق قول سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئۇلار يولدا غازچاقنىڭ ‹‹ئوماق قۇشلار تېز تاماقخانىسى››غا كىرىپ غىزالانماقچى بوپتۇ.

      4. توخۇ كۆرەڭلەپ قوناق قورۇمىسى بىلەن قۇرت كاۋاپ بۇيرۇتۇپتۇ. كەپتەرنىڭ پۇلى كۆپ بولمىغاچقا نېمە بۇيرۇتۇشنى بىلەلمەي تۇرغاندا بۇرنى قۇش زۇكىمىنى سېزىۋاپتۇ.

      5. دېگەندەك توخۇ يۇقۇملىنىپ ھەپتە داۋالىنىپ ئاران ساقىيىپتۇ ۋە دەريادىن ئۆتۈشتە مۇسابىقىلەشمەكچى بوپتۇ. كەپتەر بىرنەچچە كۈنلۈك ھاۋا رايىغا ئاساسەن دەرياغا كەلكۈن كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، مۇسابىقىنى كەلكۈن پەسەيگەندە ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ توخۇ ئۇنى قورقۇنچاقلىقتا ئەيىبلەپ ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ.

      6. توخۇ چىرايلىق كېمە سېتىۋاپتۇ. كەپتەر ئىچى كاۋاك قۇرۇق ياغاچتىن كېمە ياساپتۇ. توخۇ يەنە كەپتەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ مېڭىپتۇ. دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا راستتىنلا كەلكۈن كېلىپ توخۇنىڭ پۇللىرى ئېقىپ كېتىپتۇ. كەپتەر مىڭبىر جاپادا توخۇنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ. توخۇ ھەسرەتلىنىپ: ‹‹بۇ قېتىم شۇنچە كۆپ پۇللىرىممۇ مېنى قۇتقۇزالمىدى، بىلىمنىڭ پۇلدىن مۇھىملىقىنى ئەمدى بىلدىم، رەھمەت ساڭا›› دەپتۇ.

(ئاپتور ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

  

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر