باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

ئادەم يەيدىغان دەرەخ

      دۇنيادا ھايۋانلارنى يەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر 500 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ زور كۆپچىلىكى ئۇششاق ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. ھېندونىزىيەنىڭ ياۋا ئارىلىدا ئۆسىدىغان دەپنە دەرىخى ئادەم يەيدىكەن.

      دەپنە دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى سەككىز – توققۇز مېتىر بولۇپ شاخلىرى ناھايىتى ئۇزۇن ھەم توك سىمىدەك ئىنچىكە ئىكەن. شامال چىقسىلا شاخلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەن توك سىمىدەك ئىرغاڭلاپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئادەملەر تويۇقسىز بۇ دەرەخنىڭ شېخىغا تېگىپ كەتسە بۇ شاخلار شامالدا خۇددى ئالۋاستى چاڭگىلىغا ئوخشاش بىر يۈنىلىشكە قاراپ ئۇزىراپ ئادەملەرنى چىڭ چىرمىۋالىدىكەن ۋە ناھايىتى تېزلا يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان بىر خىل شىلىم سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ئولجا قىلغان ئادەملەرنى ھەزىم قىلىدىكەن. ئادەملەر بۇنداق سۇيۇقلۇققا يېپىشىپ قالسا ئاستا – ئاستا ھەزىم قىلىنىپ دەرەخنىڭ مەززىلىك تامىقىغا ئايلىنىدىكەن.

      يەرلىك ئادەملەر دەرەخنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنى بېلىق بىلەن تويغۇزۇپ دەرھال ئۇنىڭ شىرنىسىنى يىغىۋېلىپ دورا ياسايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىدىكەن.

مەھلىياگۈل ئابابەكرى (توقسۇن ناھىيەسى غولبۇيى يېزىسى قەسقىر مەكتەپ باشلانغۇچ 3 – يىللىق 1 – سىنىپتا) تەييارلىغان

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر