باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى

      1960– يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى روزېنتال كافورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر مەكتەپتە داڭلىق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن.

      يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، دوكتور روزېنتال مەكتەپ مۇدىرىغا ئۈچ ئوقۇتقۇچىنى ئىشخانىسىغا چاقىرتقۇزۇپ، ئۇلارغا: ‹‹سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئوقۇتۇش ئىپادىلەڭلەرگە ئاساسلانغا، سىلەر مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەنسىلەر، شۇڭلاشقا بىز پۈتكۈل مەكتەپ بويىچە ئەڭ ئەقىللىق 100 ئوقۇغۇچىنى ئالاھىدە تاللاپ ئۇلارنى ئۈچ سىنىپ قىلىپ تەشكىللىدۇق، ئۇلارنى سىلەر ئوقۇتىسىلەر. بۇ ئوقۇغۇچلارنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتى باشقا بالىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن، سىلەرنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغان قىلىپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز›› دەپتۇ. ئۈچ ئوقۇتقۇچى خۇشال ھالدا چوقۇم بارلىق كۈچىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

      مەكتەپ مۇدىرى ئۇلارغا، بۇ بالىلارغا ئادەتتىكىدەك مۇئامىلە قىلىشنى، بالىلارغا ياكى بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا ئۇلارنىڭ ئالاھىدە تاللاپ چىقىلغانلىقىنى ئۇقتۇرماسلىقنى تاپىلاپتۇ.

      بىر يىلدىن كېيىن بۇ ئۈچ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى پۈتۈن يىللىقتىكىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈپتۇ.

      بۇ چاغدا مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ: بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرگىزمۇ باش قاتۇرۇپ تاللاپ چىقىلغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئەمەس، پەقەت تاسادىپىي ئايرىپ چىقىلغان ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەت.

      ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ ئىشنىڭ مۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغان بولۇپ، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن دەپ قاراپتۇ.

      بۇ چاغدا مەكتەپ مۇدىرى ئۇلارغا يەنە بىر ھەقىقىي ئەھۋالنى، يەنى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ پۈتكۈل مەكتەپ بويىچە ئالاھىدە تاللاپ چىقىلغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار بولماستىن، پەقەت تاسادىپىي ئايرىپ چىقىرىلغان ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.

      ھېكمەت: تالانت ئىگىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ئۆزىدىكى ئىچكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. تالانت ئىگىلىرى ئەمەسلەر بولسا، پەقەتلا ئۆزىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى داۋاملىق يوشۇرۇپ قالىدۇ، خالاس.

 

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي