باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

گۈزەل ھايات

گۈزەلنۇر ئابدۇسادىق

      باھار كېلىشى بىلەن مېۋىلىك دەرەخلەر چېچەكلەپ خۇشبۇي ھىد ئەتراپقا تارايدۇ. بىز چېچەكلەردىن ‹‹گۈل ئوردىسى›› ياسايمىز، بېشىمىزغا ‹‹تاج›› قىلىپ تاقايمىز. ياز كەلسە گۈللەر پورەكلەپ ھەرخىل رەڭدە ئېچىلىدۇ، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىدۇ. قۇشلار سايرىشىپ ئەتراپنى جانلاندۇرۇۋېتىدۇ. بىز ئېرىق – ئۆستەڭلەردە بېلىجانلاردەك ئۈزۈپ ئوينايمىز.

      مانا، ئالتۇن كۈز كېلىۋىدى دېھقان تاغىلار خۇشال كۈلكىسى، مول ھوسۇل ناخشىسىنى ياڭراتتى. دەل – دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ تەبىئەت ئالتۇندەك سېرىق رەڭگە كىردى. بىز بالىلارمۇ غازاڭلاردىن چاچ ئۇلاپ ئوينىدۇق. ئايىغىمىز ئاستىدىكى ‹‹شىرىق – شىرىق›› ئاۋازلاردىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈشتۇق.

      قىش يېتىپ كەلسە بارچە مەۋجۇدات ئۇيقۇسىنى باشلايدۇ. مەشلىرىمىزگە ئوت يېقىلىپ ئۆيىمىز يازدەك ئىسسىپ كېتىدۇ. بىز مەش ئەتراپىغا يىغىلىۋېلىپ دادام ئېيتىپ بەرگەن ‹‹چىن تۆمۈر باتۇر›› چۆچىكىنى ھوزۇرلىنىپ ئاڭلايمىز.

      ھايات مانا مۇشۇ پەسىللەردەك گۈزەل ھەم مەنىلىك.

(ئاپتور ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

يېتەكچى: سەمەتجان غاپپار ئەلتۈرۈك

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر