باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

‹‹گەپ قىلالايدىغان پەلەي›› ياساپ چىقىلدى

 

      ‹‹كۈندىلىك تېلېگىراف گېزىتى››نىڭ 18 - نويابىردىكى خەۋىرىدە، ئەنگلىيەلىك 73 ياشلىق بىل برودى ئىككى يىل بۇرۇن سەكتە بولۇپ قېلىپ سۆزلەش ئىقتىدارىدىن قالغان، ھازىر بولسا ئۇ شېفىيىر ئونۋېرىستېتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ‹‹گەپ قىلالايدىغان پەلەي››نىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى، ئۇ بۇ پەلەي ئارقىلىق قول ئىشارىتىنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ، تاشقى دۇنيا بىلەن ئاددىي ئالاقە قىلالايدىغان بولغان.

      ئۇنىڭ قىزىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، برۇدى سەكتە بولغاندىن كىيىن كومپىيوتىر ئىشلەتمەكچى بولغان، بىراق ئىشلىتىش جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ئاۋارىگەرچىلىكلەرگە يولۇققان. كېيىن ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەرپ جەدىۋىلىدىن ھەرپلەرنى بىرمۇ - بىر كۆرسىتىپ سۆز ھاسىل قىلىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولغان. ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئۇ يۇقارقى ‹‹ئەقىللىق›› پەلەينى ئىشلىتىشنى باشلىغان، ھازىر بولسا 20 دانە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تاق سۆزنى ۋە سۆز بىرىكمىسىنى ئۈگىنىۋالدى، ئۇ ئۇسسىغان ۋاقىتتا ۋە ياكى ھاراق ئىچكىسى كەلگەندە ئۆزىنىڭ ‹‹گەپ قىلالايدىغان پەلەي››ى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك قول ئىشارىتىنى قىلىپ ئاندىن پەلەيدىن چىققان ئاۋاز ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەرگە مەقسىتىنى بىلدۈرەلەيدۇ.

      ‹‹گەپ قىلالايدىغان پەلەي››نىڭ سىرتىدىن قارىماققا ئادەتتىكى خۇرۇم پەلەيگە ناھايىتى ئوخشايدۇ، بىراق ئىچكى قىسمىدا يەتكۈزگۈچ ۋە سەزگۈر سىنزور تاقىغۇچىنىڭ قول ئىشارىتىنى پەرق ئېتەلەيدۇ ۋە دەرھال بىر خىل مىكرو تىپتىكى كومپيۇتېر بىر تەرەپ قىلغۇچىغا يوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەربىر قول ئىشارىتىگە ماس كېلىدىغان سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسى شەكىللىنىدۇ ھەمدە ئالدىن ئاۋازغا ئېلىنىپ تەييار قىلىپ قويۇلغان سىستېما بويىچە قول ئىشارىتىنى پەرقلەندۈرىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ، ئاخىرىدا ئالدىن ئاۋازغا ئېلىنىپ تەييار قىلىپ قويۇلغان ئاۋاز ۋە ياكى كومپيۇتېر ئاۋازى بويىچە ئاۋاز چىقىرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تاقىغۇچى قورسىقى ئاچقاندا ۋە ياكى ئۇسسىغاندا ئۆيدىكىلىرىگە ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئۇقتۇرالايدۇ، بۇ پەلەي يەنە تېخى ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى سورىيالايدۇ ۋە ‹‹رەھمەت›› دېيەلەيدۇ.

 

 

      تەتقىقاتچى خادىم مۇنداق دېدى: بۇ پەلەي ئوخشىمىغان 1000 خىل سۆز ۋە سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئاۋازىنى چىقىرالايدۇ. ھەربىر پەلەينىڭ تەننەرخى 700 فونىستىرلىڭ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن ئۈچ ئۇنسىيە، باتارىيە تەمىنلىگەن توك بىلەن بۇ پەلەينى بىر ھەپتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مۇتەخەسىسلەر بۇ پەلەيگە ئىجاد قىلىش پاتېنتى ئىلتىماس قىلدى ھەمدە مۇشۇ پەلەينىڭ ئاساسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ياساپ چىقىپ، بازارغا سېلىپ سۆزلەش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئاز - تولا مۇلازىمەت ۋە ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

     تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، كەلگۈسىدە بۇ پەلەينىڭ ئىشلىتىشكە تېخىمۇ قۇلايلىق بولىشى ئۈچۈن، بۇ پەلەينى قول تېلېفۇن ۋە كومپيۇتېر بىلەن ئۇلىغىلى بولىدىغان قىلماقچى. ھەرخىل خاراكتېرلەرنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ سىرىتتا ئىشلىتىش ۋە ياكى ئۆيدە ئىشلىتىشنى تاللىسا ۋە خالىغانچە ئۆزگەرتسە ۋە شۇ رايۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئالاقىلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن سۆزلەش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان برۇدى بۇ پەلەينى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ئۇ تاشقى دۇنيا بىلەن تېخىمۇ قۇيۇق ئالاقە قىلالايدىغان بولغان. ناھايىتى ئېنىقكى ‹‹ئالاقە›› قىلالايدىغان بۇ پەلەي سۆزلەش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا ئىگە قىلالايدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: رەيھانگۈل