20 ـ نويابىر ‹‹خەلقئارا بالىلار كۈنى›› ب د ت نىڭ بۇ كۈننى تەسىس قىلىشتىكى مەقسىتى بالىلارنى قوغداش، بالىلار پاراۋانلىقى ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش.
جۇڭگودىكى مەشھۇر بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى پىروفېسسور جوڭ يەن شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: بالىلاردا ھازىر سەمىرىپ كېتىش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە دىيابېت كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ كۆپ بالا ‹‹ئىككىلەمچى ساغلاملىق›› ھالىتىگە ئەسىر بولدى، بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ.