باش بەت | پىسخىكا

ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولۇش بىلەن پىسخىك مەسىلىسى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىكەن

      كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولۇپ قېلىش بالىلارنىڭ پىسخىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پىسخىك مەسىلىسى بار ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئاسانلا ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا بېرىلىپ كېتىدىكەن. ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناش بىلەن پىسخىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

      ئامېرىكا لوۋا ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىككى يىل سەرپ قىلىپ، 3034 سىنگاپورلۇق ياش، ئۆسمۈر (بۇنىڭ ئىچىدە 2200سى ئوغۇل ئوقۇغۇچى)نى تەتقىقات ئوبيېكتىقىلىپ، تەتقىقات ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بەزىدە ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينايدىغان ئوقۇغۇچىلار %80، ئىلگىرى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينىغانلار %10، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقاخۇمار بولغانلار %9 بولغان. بۇ نىسبەت ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولۇپ قالغانلارنىڭ نىسبىتى بىلەن ئاساسەن بىردەك چىققان.

      تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، باشقىلار بىلەن ئارىلاشمايدىغان ۋە ئاسان ھاياجانلىنىدىغان بالىلار ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا ئاسانلا خۇمار بولۇپ قالىدىكەن. بۇرۇنلا ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ ئەسەبىيلىشىش كېسىلى، تەشۋىشلىنىش كېسىلى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشتىن قورقۇش كېسىلى قاتارلىق پىسىخىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا خۇمار بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى تۆۋەن بولىدىكەن.

      بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان پىسخولوگ دوۋگلاس گېنتىل مۇنداق دەيدۇ: بۇ تەتقىقاتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشقا ماھىر ئەمەسلىكى، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، كەيپىياتىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقى ئۇلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنغا بېرىلىپ كېتشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشقا بېرىلىپ كېتىپ ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناشنى توختاتقان ھامان بۇنداق پىسخىك كېسەل ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېلېكتېرونلۇق ئويۇن ئويناش بىلەن پىسخىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان