باش بەت | كائىنات سىرلىرى

كېپىنەكنىڭ تۈس ئۆزگەرتەلىشىنىڭ سىرى ئېچىلدى

      تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن كېپىنەك تۈس ئۆزگەرتىش ماھارىتىگە تايىنىپ كۈشەندىلىرىدىن دالدىلىنىدۇ. ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كېپىنەكنىڭ تۈس ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى ئۇنىڭ تېنىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى گېن توپىغا باغلىق بولىدىكەن.

      ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەشردىن چىقارغان ‹‹تەبىئەت›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدە ئېيتىشىچە، ئۇلار تىروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئىقلىم ئورمىنىدا ياشايدىغان بىر خىل كەندىر كېپىنىكىنى تەتقىق قىلغان. بۇنداق كېپىنەك ئوۋچى قۇشلارغا ئولجا بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قانىتىدىكى گۈللىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەمى ناچار كېپىنەكلەرنىڭ سىياقىغا كىرىۋالالايدىكەن.

      تەتقىقاتچىلار بۇ كېپىنەكنىڭ تېنىدىكى خىروموسوما تەرتىپىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قاتارىدىكى بىر خىل خىروموسومانىڭ كۆپ خىل ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى، ھەر خىل ئۆزگىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى گېن توپى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان. كېپىنەكنىڭ قانىتىدىكى گۈللىرىنى ئۆزگەرتىشى، يەنى تۈس ئۆزگەرتىشى مانا مۇشۇ دەرىجىدىن تاشقىرى گېن توپىغا باغلىق بولىدىكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان