باش بەت | مەكتەپلەر

پەرۋاز قىلىۋاتقان ‹‹كىچىك بۈركۈت››

گۈلقىز توختى، زاھىرە كۈرەش 

      تۆۋەندە بىز بالىلارغا ساغلام چېنىقىش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن قاراماي رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتى ‹‹كىچىك بۈركۈت›› كۇلۇبى بىلەن تونۇشقاچ كۇلۇبنىڭ قۇرغۇچىلىرى، بىرقىسىم تېرىنېر ۋە كىچىك پۇتبولچىلار بىلەن پىكىرلىشىپ باقايلى.

      بالىلار تەبىئەت قوينىدا يايرىسۇن

      قاراماي رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتى ‹‹كىچىك بۈركۈت كۇلۇبى››نىڭ قۇرغۇچىسى جۈرئەت مەمەت ئىلگىرى كەسىپداشلىرى بىلەن بىللە چېنىققىلى ماڭغاندا تىكتاك توپ، ۋاسكېتبول، چويلا توپ، پەي توپلارنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان بالىلارنى كۆپ ئۇچرىتاتتى. مەھەللىلەردە پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلارنى ئاندا – ساندا كۆرۈپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا مەخسۇس مەيدانلارغا بېرىپ پۇتبول ئوينايدىغان بالىلار يوق دېيەرلىك ئىدى. بولۇپمۇ تېلېۋىزور، كومپيۇتېر ئائىلىلەردە ئومۇملاشقاندىن بۇيان بالىلار مەۋھۇم دۇنياغا باغلىنىپ قېلىپ، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئازىيىپ كەتتى. جۈرئەت مەمەت بالىلارغا ساغلام چېنىقىش پۇرسىتى ھازىرلاش ئۈچۈن كۇرس ئېچىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدى ۋە كەسىپداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قارامايدا بۇ خىل بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بولدى.

      جۈرئەت مەمەت مۇنداق دېدى: ‹‹كۇلۇبىمىز 2007 – يىلى 18 – ئاپرېل قۇرۇلدى. دەسلەپتە بىر نەچچەيلەن ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشى بىلەن ‹دولان پۇتبۇل كۇلۇبى› دېگەن نامدا كۇلۇب قۇردۇق ھەمدە بالىلارنى قاراماي شەھەرلىك 4 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەيدانىدا مەشىق قىلدۇردۇق. بالىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مۇنتىزىم، تېخنىكىلىق تەربىيەلەيدىغان كۇلۇب قۇرۇشنى ئويلىشىپ، تەنتەربىيە كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇندۇق. رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن تۆت نەپەر تىرېنېر داليەندىكى مەملىكەتلىك ياش – ئۆسمۈرلەر تېرىنېرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتۇق. ئۇ يەردە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ ھەم ئۇلارنىڭ ئىلغار ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ كەلگەندىن كېيىن 2009 – يىلى كۇلۇبىمىزنىڭ نامىنى ‹كىچىك بۈركۈت›› كۇلۇبىغا ئۆزگەرتىپ، 10 مەكتەپتە تەربىيەلەش نۇقتىسى ئاچتۇق. تىرېنېرلار قوشۇنىنى قايتا تەڭشەپ مەخسۇس كەسىپ ئوقۇغان، شىنجاڭدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان ھەم كۆرگەن، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى پۇتبول مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەن تىرېنېرلارنى تەكلىپ قىلدۇق.

      ھازىر كۇلۇبىمىزدا مۇقىم تەربىيەلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 200گە يېتىدۇ. پۇتبول دېگەن قانداقتۇ بىر مىللەتكە ۋە ياكى بىر رايونغىلا تەۋە نەرسە ئەمەس. شۇڭا، پەقەت پۇتبولغا قىزىقىشى بولغان بالىلار بولسىلا تەربىيەلەۋاتىمىز››.

      ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن تەتىل

      كۇلۇب قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە قۇم ئۈستى پائالىيىتى، پۇتبول باغچىسى پائالىيىتى، چولپانلار بىلەن تونۇشۇش پائالىيىتى، مۇز ئۈستى پائالىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بالىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋە تەتىل كۈنلىرىگە يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى.

      جۈرئەت مەمەت مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يىل قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم كۇلۇبىمىزدىكى بىرقىسىم بالىلارنى تاللاپ گۇاڭشى ئۆلكىسى بېيخەي شەھىرىنىڭ پۇتبول مەشىق بازىسىدىكى مەملىكەتلىك 17 ياشلىقلار قىشلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشتۇردۇق. ئۇلار ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ئىگە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۇلۇبىمىزدىكى بالىلارنى تاللاپ ئاتا – ئانىلارنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ تەشكىللەپ بالىلارنى مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇش ئويىمىز بار››.

      قاراماي شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2 – يىللىق 5 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەلپىدار ھەسەن مۇنداق دېدى: ‹‹مەن بۇ كۇلۇبقا 2010 – يىلدىن باشلاپ قاتناشتىم. ئىلگىرى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تاماق يەپ، تاپشۇرۇق ئىشلەپ، كومپيۇتېر ئويناپ، ئۇخلاپ ۋاقىت ئۆتكۈزەتتىم. دەم ئېلىشلاردا سائەتلەپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇراتتىم. كۇلۇبقا قاتناشقاندىن كېيىن تۇرمۇشۇمدا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە ئىلشات مۇئەللىم، مۇھەممەت مۇئەللىملەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىچكىرى ئۆلكىگە تېخنىكا، تەجرىبە ئۆگەنگىلى باردۇق. ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشتا كۆنەلمىدۇق، بولۇپمۇ تاماقتىن قىينالدۇق، لېكىن مۇئەللىملەرنىڭ ياردىمىدە تاماقلارنى ئۆزىمىز ئېتىپ يېدۇق. بىز ئۇ يەردە تۇرمۇش، تەجرىبە ئۆگەندۇق. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق پۇرسەتلەر بولسا ھەرگىز قىينالمايمىز. توپ تېپىشمۇ ئادەمنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدىكەن، ساپاسىز توپچى توپچى بولالمايدىكەن››.

      ساغلام مۇھىتتا ساغلام تەن

      زىيارەت داۋامىدا بىز تەنتەربىيە باغچىسى پۇتبول مەيدانىدا ئوخشاش كىيىنىپ، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن پۇتبول ئويناۋاتقان كىچىك پۇتبولچىلارنى كۆرۈپ تولىمۇ مەستلىكىمىز كەلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى توپنى بېشىدا تۇرغۇزۇپ يۈگۈرسە، يەنە بەزىلىرى ئەپچىل، چەبدەس ھەرىكەتلىرى بىلەن بىر – بىرىگە پاس بېرىپ، توپنى ۋارتاغا كىرگۈزۈشنى مەشىق قىلىۋاتاتتى.

      ‹‹كىچىك بۈركۈت›› پۇتبول كۇلۇبى 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ نۇقتىسىنىڭ تىرېنېرى ئىلشات ئەمەت مۇنداق دېدى: ‹‹بىز بالىلارنى پۇتبولدىلا ئەمەس، ئەخلاق ۋە باشقا جەھەتلەردىنمۇ ئەتراپلىق تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. ھەر قېتىم مەشىق قىلدۇرساق ئۇلار ئىنتايىن ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلىدۇ. بەزى ئاتا –ئانىلار ‹گەپ ئاڭلىمىساڭ، تاماق يېمىسەڭ پۇتبول كۇرسىغا بارغۇزمايمەن› دەپ كۇرسقا بېرىشنى بالىلارنى گېپىگە كىرگۈزۈشنىڭ كوزۇرى قىلىۋاپتۇ. ئاتا –ئانىلار بالىلىرىنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆز قىزىقىشى بويىچە دەرستىن سىرتقى كۇرسلارغا قاتناشتۇرسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى››.

      قاراماي شەھەرلىك 3 – باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 3 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئالىزات ئالىم مۇنداق دېدى: ‹‹مەن بۇ كۇلۇبقا ئەزا بولغان ئىككى يىلدىن بۇيان تىرېنېرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ كۆپ مەشىق قىلىشى بىلەن توپنى خېلى ياخشى تېپەلەيدىغان بولدۇم، بالىلارمۇ مەن بىلەن بىر كوماندىدا بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. مېنىڭ ھازىر ئوڭ بېكتا (توپ مۇسابىقىسىدە) ئالاھىدىلىكىم بار. دەرسلەرنىمۇ ئىزچىل ياخشى ئۆگىنىۋاتىمەن. سىنىپ بويىچە ئوننىڭ ئىچىدە تۇرىمەن. مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم كەلگۈسىدە بېكىنھامدەك داڭلىق پۇتبولچى بولۇش››.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر