باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش توغرىسىدا

قەدىرىيە قاھار (ئاقسۇ شەھەرلىك 5 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

      مائارىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى. مائارىپنىڭ ئوبيېكتى بولغان ئوقۇغۇچىلار مىللەتنىڭ ئۈمىدى.

      بۈگۈنكى ئىلىم – پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە مائارىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتلىك رولى ئارقىلىق دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشىدا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي ھادىسە ئىنسانىيەت جەمئىيىتى پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى تاپقان بولۇپ، ئىجىتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ئوبىيكتىپ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بىر قانچە دەۋرلىك تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى. ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى ‹‹بالىنى ئانىسى تەربىيەلىسىلا، ئاچ قالمىسلا بولدى›› دېگەن قاراش بارا – بارا كۈچىدىن قېلىپ، مائارىپنىڭ كەسپىي ساپاسىغا قويۇلىدىغان تەلەپ جىددىي ئېشىپ باردى، دائىرىسى كېڭەيدى، مەزمۇنى كۆپەيدى. مەخسۇس سىستېمىلىق قاراشلار بارلىققا كېلىپ ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەكىتلەنگەن ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا مائارىپ تەرەققىياتنىڭ قىممەت يۈزلىنىشىدە غايەت زور ئۆزگىش بولدى.

      ھازىرقى زامان مائارىپى نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىيات ۋە مۇكەممەللىشىشنىڭ مۇستەھكەم يىلتىز تارتقان ھالىتى بولۇپ، ئىدىيەدىن ئىبارەت مەنبەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەنئەنىۋى ‹‹بىلىم بېرىش، مەسىلە يېشىش›› ئەندىزە فورمىسى ھازىرقى ‹‹ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ھەم ئادەم تەربىيەلەش››تەك لوگىكىلىق مەسىلىگە قاراپ يۈزلەندى.

      17 – ئەسىردىن باشلانغان سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن پەيدا بولغان بىر قەدەر سىستېمىلاشقان ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ پائالىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى پەن بىلىملىرىنى ‹‹يەتكۈزۈش لىنىيەسى››گىچە تەرەققىي قىلىش جەريانى يۇقىرىدا ئېيتىلغان مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ زور تارىخى رولى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

      بۈگۈنكى كۈندە بىزدىكى مائارىپ ئىدىيەسى بولسا تۆۋەندىن يۇقىرىغا تەرەققىي قىلغان دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە مائارىپ ئۆزگىرىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇ مائارىپ بىلەن بىللە بارلىققا كېلىپ، مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە مائارىپچىلاردىن يۇقىرى ساپا، يۈكسەك كەسپىي قابىلىيەت، ئۆلچەملىك پىسخىكىلىق ھالەت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، نەزىرىمىزنى نۆۋەتتىكى مائارىپ ئەھۋالىغا ئاغدۇرىدىغان بولساق رېئاللىقتا يەنىلا مائارىپنىڭ نېگىزى بولغان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەرەققىيات ماھىيىتى ۋە خاراكتېرىگە بولغان تونۇشى يەنىلا كەمچىل.

      1. مائارىپنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى چۈشىنىشكە سەل قاراش

      مائارىپنىڭ قىممىتى دېگىنىمىز ‹‹ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ھەم ئادەم بىلەن شۇغۇللىنىش ھەم ئادەم تەربىيلەش›› دېگەنلىك بولۇپ ئۇ بىر خىل ئوقۇتۇش ئېتىقادى. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقىنى تازا پىششىق بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلاردا بىر خىل مەزمۇنى يوق، شەكلى بار، نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق ھەرىكەت خاھىشلىرى مەۋجۇت بولۇپ ۋۇجۇدىنى تېيىزلىق قاپلىۋالغان. ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم تەربىيەلەش مەسىلىسىنى كۆڭۈلدىكىدەك ھەل قىلالمىغان. مائارىپ نىشانىنى توغرا تۇرغۇزالمىغان. بەزى ياش ئوقۇتقۇچىلار ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ‹‹پەقەت بولمىغاندا شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ›› دەپ قارايدۇ. بىراق، ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل قارىشى بىلەن ئۆزىگە تەلىم – تەربىيە بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرغان نەچچە ئون، نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ غۇنچىنىڭ كەلگۈسىنى بەربات قىلىدىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. ئاشۇ خىل ئاددىي بولغان پاسسىپ پوزىتسىيە ئارقىلىق مىللەتكە ھەتتا دۆلەتكە قانچىلىك زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلاردىكى مۇشۇ خىل ئىدىيە ھازىرقى بىز تەكىتلەۋاتقان يېڭى مائارىپ ئىدىيەسىگە، مائارىپ قارىشىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟

      2. ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەشكە سەل قاراش

      مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇش تارىخىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە ئەگىشىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئوقۇش تارىخىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز ئۆزىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك خاھىشى ساقلاندى.

      ئوقۇش تارىخى ئىچىدە ئىگىلىگەن بىلىم پەقەت شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بەلگىلىك ئوقۇش رامكىسى ئىچىدە بىلىم ئۆگىنىش بولۇپ نەچچە يىلدىلا تاماملىنىدۇ. بىراق، ھازىرقى يېڭى مائارىپ ئەندىزىسى بولسا ئوقۇتقۇچىلاردىن پەقەت شۇ بىر نەچچە يىلدا ئۆگەنگەن بىلىمىنىلا ئەمەس بەلكى غايەت زور بىلىم جۇغلانمىسىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى چوقۇم ئۆز كەسپىگە نىسبەتەن سىستېمىلىق بىلىش، ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيەلىنىش، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىشمېخانىزمىنى ئورنىتىش، تەييارتاپ بولۇپ قالماسىلىق ھەم ئۆگەنگۈچى ھەم ئۆگەتكۈچى بولۇشى زۆرۈر.

      3. تونۇش جەھەتتىكى مۈجمەللىك

      مائارىپقا بولغان تونۇش كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا كىشىلەرنىڭ مائارىپ ھادىسسىگە بولغان ھەر خىل تونۇشلىرى (مەيلى ئۇ يۈزەكى بولسۇن ياكى سىستېمىلىق بولسۇن)نى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ مائارىپ ئەمەلىيىتى ۋە مائارىپ تونۇشى جەھەتتىن ئېيتقاندا مائارىپقا بولغان تونۇشى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ھەم تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئارىمىزدا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بار. ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى مائارىپ قارىشى بىرخىل قاتمال، يەڭگىل بولغان قاراش بولۇپ پەقەت كۆز ئالدىدىكى مىقدارلارغا بولغان ئۇقۇم بىلەن چەكلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئەينەك قىلىشقا قىزىقىپ كېتىپ ئىدىيە ئاساسىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەل قارايدۇ. ئۆز نىشانىغا يۆنىلىش بەلگىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. مۈجمەل تونۇش، ئاجىز ئىدىيەگە ئىگە ئوقۇتقۇچى خۇددىي يەل بەرگەن تاغاردەك، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ شېخىدەك، سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك بولىدۇ، مائارىپقا يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

      4. مائارىپ ئىسلاھاتىغا ماسلىشالماسلىق

      ھازىرقى زامان مائارىپنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئۈزلۈكسىز ماسلىشىش، ياخشىلىنىش، ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسلاھاتقا قاتنىشىش جەريانى ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى يېڭىلاش ۋە تەڭشەش جەريانىدۇر. قاراشنى يېڭىلاش، بىلىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يۈزىسىدىن تاشقى ئۇچۇرنى دائىم كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، زامانىمىز ئوقۇتقۇچىلىرى پەن – تېخنىكىنىڭ چەكسىز كۈچىنى ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن قۇدرىتى بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىدىيەسىنى يېڭىلاش، تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي ماھىيەتتىن سۈپەت ئۈچۈن ‹‹مىدىرلايدىغان›› ‹‹ھەرىكەتچانلار››دىن بولۇش لازىم.

      يىغىپ ئېيتقاندا مائارىپ پەقەت ئىنسانغا خاس ئەڭگۈشتەر. ئۇ مۇئەييەن تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. تارىخىي دەۋر بولسا كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

      بىز مەسىلىلەرنى تەپەككۇر بىلەن بىلىش ئوتتۇرىسىدا، چوڭقۇرلۇق بىلەن يۈزەكىلىك ئوتتۇرسىدا، شەخس بىلەن كوللېكتىپنىڭ ئوتتۇرىسدا تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىشىمىز لازىم. مەسىلىنىڭ ئۆزىنىلا ئويلىماي ماھىيىتىنى، جەرياندىلا ئويلىماي نەتىجىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، مائارىپنىڭ بايلىق يارىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت رولىنى ھەقىقىي تونۇپ 21 – ئەسىر جەمئىيىتىگە ماسلىشالايدىغان مائارىپچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنىشىمىز لازىم.

قىستۇرما سۈرەتنى ئەخمەتجان ھوشۇر تارتقان.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر