باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئەخلاق بىزگە ھەمراھ بولسۇن

      ئەخلاق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 5000 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنىسى. قانداق قىلغاندا ئەخلاقلىق بولغىلى بولىدۇ؟ ئالدى بىلەن نېمىنىڭ ئەخلاق ئىكەنلىكىنى، ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمىنى بىلىۋېلىشىمىز، ئاندىن بۇ ئۆلچەملەر بىلەن ئۆزىمىزنى چەكلىشىمىز، ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشىمىز لازىم. ھەرقانداق ئادەمگە ياشاش، خىزمەت قىلىش، تەقدىم قىلىش مەسئۇلىيىتى ئارتىلغان بولىدۇ. بىر ئادەم ئاتا – ئانىسىغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا ياخشى پەرزەنت، مەكتەپتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا ياخشى ئوقۇغۇچى، خىزمەت ئورنىدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا ياخشى خىزمەتچى، دۆلەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا ياخشى پۇقرا ھېسابلىنىدۇ.

      بۇ مەسئۇلىيەتلەردىن باشقا يەنە مۇھىم بىر مەسئۇلىيەت بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىگە بولغان مەسئۇلىيەتتۇر. ئۆزىگە بولغان مەسئۇلىيەت دېگەن نېمە؟ ئۇ ئۆز قەدىر – قىممىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە نامايان قىلىشتۇر. قىممىتىنى نامايان قىلىشتا ئۆزىنىڭ يوشۇرۇش كۈچىنى بايقىشى، يېڭى شەيئىلەرگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىشى لازىم. بىز ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىشتىكى خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز، ئىقتىدارىمىزنى نامايان قىلىشىمىز، ھەرۋاقىت ئۆزىمىزگە ‹‹قىلالمايدىغان ئىش يوق›› دەپ ئەسكەرتىپ تۇرۇشىمىز لازىم. مۇشۇنداق ئەقىدە بىلەن ئۆگىنىشكە يۈزلەنسەك كەلگۈسىدە چوقۇم ئۆزىمىزگە، ئائىلىمىزگە مەسئۇلىيەتچان، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالايمىز.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر