ماتېرىيالى: كالا گۆشى 300 گرام، كۆك پۇرچاق 150 گرام، قىزىل سەۋزە يېرىم تال.
خۇرۇچلىرى: غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق ھەربىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا، تۇز كىچىك بىر قوشۇق، جىياڭيۇ، ئاق شېكەرلەر چوڭ بىر قوشۇق، ئاچچىقسۇ كىچىك ئىككى قوشۇق، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى:
1. كالا گۆشىنى بىر سانتىمېتىر كەڭلىكتە، بىر سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاسا شەكىللىك توغرايمىز، سەۋزىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا توغرايمىز.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ يەتتە دەرىجە قىزىغاندا كۆك پۇرچاقنى سېلىپ، ئوتىنى پەسەيتىپ، ئاستا - ئاستا پىشقۇچە قورۇپ، ياغدىن سۈزۈۋالىمىز.
3. قازاندا مۇۋاپىق ياغ قالدۇرۇپ، قىزىغاندا غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ مېزىلىك پۇراق چىققاندا، كالا گۆشىنى سېلىپ رەڭگى سارغايغۇچە قورۇپ، سەۋزىنى سېلىپ 3 مىنۇت ئەتراپىدا قورۇيمىز، ئاندىن ئاق شېكەر، ئاچچىقسۇ، جىياڭيۇ، تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمالنى قۇيۇپ قويۇلدۇرۇپ، ئاخىرىدا داغلاپ تەييارلىۋالغان كۆك پۇرچاقنى سېلىپ بىر قورۇپ ئىلەشتۈرۈپ تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.