باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

سۆيگۈ ئۇرۇقىنى چاچايلى

لى ياچىن

باشلانغۇچ مەكتەپتە تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى يىللىقتىكى پىيونېرلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىش سەۋىيىسىدە چوڭ پەرق بولغاچقا پىسخىكىلىق ئاڭ ۋە تونۇشىدىمۇ ئىنتايىن روشەن باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك ساقلانغان بولىدۇ. شۇڭا، پىيونېرلاردا پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈشتە ئوقۇتقۇچى، ئاتا – ئانىلار ئۇلارنىڭ پىسخىكا ۋە تونۇش تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئاساسەن سىستېمىلىق پىلانلاپ، قاتلامغا ئايرىپ تەربىيەلەشكە توغرا كېلىدۇ.

 

      باشلانغۇچ مەكتەپ تۆۋەن يىللىقتىكى ئۆسمۈر – بالىلار سىياسىي ئۇقۇملارنى چۈشىنىشتە كونكرېت، جانلىق ۋەزىپە، بەلگە ۋە ھېكايىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق. ئۇلار ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ تەربىيەسىگە ھۆرمەت قىلغاچقا مۇۋاپىق سورۇندا ئاكتىپ ھېسسىيات پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، 1 – يىللىقتىن 3 – يىللىققىچە بولغان پىيونېرلار ئارىسىدا ئەترەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى — پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىزدىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

      ۋەزىپە نىشانى:

     جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرەپلىك پارتىيە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆسمۈر – بالىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش، ئۆسمۈر – بالىلاردا كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى دەيدىغان، كوممۇنىسىتىك پارتىيەگە يېقىن تۇرىدىغان سەمىمىي ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈش.

      ئۇسۇل:

     1 – ، 2 – يىللىقتىكى پىيونېرلار كونكرېت ئوبرازلىق تەپەككۇرنى ئاساس قىلىدۇ، ‹‹پارتىيە›› دېگەن بۇ ئوقۇم ئىنتايىن ئابىستراكىت بولغاچقا كۆرگىلى بولمايدۇ، تۇتقىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئۆلۈك ھالدا ئۇلارغا ‹‹بىز پارتىيەنى سۆيىشىمىز كېرەك›› دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرسەك بىزارلىقىنى قوزغايمىز. ئويۇن، بالىلار ناخشىسى، ھېكايە، ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىيونېرلارغا جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن بەخت ۋە خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرالىساق، يەنە ھەر ۋاقىت ئۇلارغا پارتىيە بىلىملىرىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتنى يېتىلدۈرەلىسەك ياخشى تەربىيە ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز.

      1) ئويۇن. بىر تەرەپتىن رېزىنكە سەكرەپ بىر تەرەپتىن بالىلار قوشاقلىرى ئېيتىپ ئويناش پىيونېرلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتنىڭ بىرى. بالىلار قوشاقلىرىنى رېزىنكە سەكرەش ھەرىكىتىگە مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، پىيونېرلارنى سەكرەش رىتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ: ‹‹دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بايرىقى ھەقىقەت چىرايلىق، بەش يۇلتۇز زېمىننى يورۇتىدۇ. مەن كىچىك بىر كەپتەرگە ئۆزگىرىپ ئۇچۇپ سىېنى سۆيىمەن›› دېگەن ناخشىنى ئېيتىشقا ئىلھاملاندۇرغاندا كۆڭۈللۈك ئويۇن جەريانىدا بالىلاردا پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ھېسسىيات تەبىئىي شەكىللىنىدۇ.

      2) كىچىك تەكشۈرۈش. پىيونېرلارنى ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بوۋا – مومىسىنىڭ ۋاقىتتىكى كەچۈرمۈشلىرىنى ئىگىلەشكە، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغاندا شۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنى چىن كۆڭلىدىن سۆيىدۇ.

      3) ئەترەتكە كىرىش تەربىيەسى. ‹‹جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ نىزامنامىسى››دا: ‹‹ئەترەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى›› دەپ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. پىيونېرلار ئەترەتكە كىرىشتىن بۇرۇن بۇ ئۇقۇمنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئامال بار مەھكەم ئورنىتىپ ھەم ئۆزىنىڭ پارتىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمىدا قىزىل گالىستۇك تاقاش، ئەترەت سالىمى بېرىش، قەسەم بېرىش، ئەترەت ناخشىسى ئېيتىش ئارقىلىق يېڭى پىيونېرلار ‹‹بىز پارتىيەنىڭ بالىسى، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز››نى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ يېڭى پىيونېرلارنى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخي مۇساپىسى رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرۈشكە يېتەكلەپ، پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ پىيونېرلار ئەترىتىگە بولغان كۆيۈنۈشىنى سۆزلىگەندە ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ‹‹تەشكىل›› ئۇقۇمى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىز باسارلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

      تۆۋەن يىللىق پىيونېرلار ئەڭ خۇشال بولىدىغان، ئەڭ ھاياجانلىنىدىغان، ئەڭ شەرەپلىك ۋاقىت بولۇپ، پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت. بىز كەيپىيات يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پىيونېرلارنى ئاكتىپ ھالدا توغرا يېتەكلىشىمىز لازىم.

      ۋەزىپە نىشانى:

      ۋەتەنگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاساسىي بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ، ۋەتەن ئانىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلاردا ۋەتەن ياخشى، ۋەتەن يېقىن دەيدىغان سەمىمىي ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈش.

      ئۇسۇلى:

      1) قىزىل ھېكايە يىغىنى. ئەترەت قۇرۇلغان كۈنى كەلگەندە پىيونېرلارغا ‹‹ئالاھىدە ۋەزىپە›› — بىر ئىنقلابىي قۇربان ياكى ئىلغار شەخسنىڭ ھېكايىسىنى تېپىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىشكە، يەنە چاتما رەسىم سىزىش ياكى كوللېكتىپ ‹‹مەڭگۈلۈك ئابىدە›› تېمىسىدا چوڭ تىپتىكى چاتما رەسىمنى بىرلىكتە سىزىپ، ئاندىن قىزىل ھېكايە يىغىنىنى ئاچقاندا پىيونېرلار تەسىرلىك ھېكايە ۋە چاتما رەسىمدىن ۋەتەننىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن قانچىلىغان ئادەملەرنىڭ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

      2) ۋەتەننى سۆيۈش تېمىسىدىكى بالىلار قوشاقلىرى، ناخشىلىرىنى ئېيتىش. ‹‹بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى››، ‹‹ۋەتەننىڭ گۈل – غۇنچىلىرى نېمە دېگەن بەختلىك››، ‹‹چوڭ بولغاندا ۋەتەن ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن›› قاتارلىق بالىلار قوشاقلىرى، ناخشىلىرىنى بالىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. بىز بۇ كىلاسسىك ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ ‹‹ۋەتەن ئانا››نىڭ گۈزەل ئوبرازىنى پىيونېرلار ئارىسىدا تارقىتىپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ئىدىيەنى ئاستا – ئاستا سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.

      3) قول سېلىپ ئىشلەپ ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش. سىزىش، تىكىش، ياساش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تونۇشى ۋە ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەر تۆۋەن يىللىق باسقۇچىدا پىيونېرلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدە شەكىل. ‹‹رەڭلىك موم قەلەم بىلەن دۆلەت بايرىقىنى سىزىمەن››، ‹‹قەغەزنى كېسىپ بايراق ياسايمەن››، ‹‹خەرىتە سىزىمەن›› قاتارلىق قول ئىشلىتىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا دۆلەتنىڭ ئوبرازى پىيونېرلارنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورنايدۇ.

      كونىلاردا ‹‹نېمە تىرىساڭ شۇنى ئالىسەن›› دەيدىغان بىر جۈملە گەپ بار. بۈگۈن بىز پارتىيەنىڭ ھاۋالىسىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، پىيونېرلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان ئۇرۇقنى تېرىساق ئەتە چوقۇم ھوسۇلغا ئېرىشىمىز.

قىستۇرما سۈرەتنى ئەخمەتجان ھوشۇر تارتقان.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر